چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار: رامىزان بىز ئۈچۈن بىرلىك، ئىناقلىق رىشتىنى مەھكەم باغلايدىغان ھىدايەت سورۇنى بولماقتا

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئىلىدا دىنىي رېجىم كۈنسىرى ئېغىرلىشىۋاتقان، ئۇيغۇر خەلقى ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ساناقسىز تەقىپلىرى ئاستىدا ئازاپ تارتىۋاتقان بىر چاغدا، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىگە نىسىپ بولغان ھۆر ھاياتنى قەدىرلەپ، رامىزاننى مىللىي ۋە دىنىي ئۆرپ - ئادەتلىرىگە ئۇيغۇن رەۋىشتە كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشماقتا.

جۈملىدىن، گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىمۇ ھەر يىلقىغا ئوخشاش، بۇ يىللىق رامازان ئېيىنى ناھايىتى جانلىق ۋە مول مەزمۇنلۇق باشلىدى.

مۇبارەك رامىزان ئېيى كىرگەن كۈندىن باشلاپ، گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ھەر كۈنى نۆۋەت بىلەن ئىپتار بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دىنىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈش بىلەن بىرگە، ئىپتار سورۇنلىرىنى بىرلىك، ئىناقلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرماقتا. ھەر كۈنلۈك ئىپتار سورۇنىنى 50 - 60 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر بىر يەرگە جەم بولۇپ ئۆتكۈزۈپ، زۇلۇم ئاستىدىكى خەلقىنىڭ نىجاتلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلماقتا ۋە ئەۋلادلىرىغا ھىدايەت تىلىمەكتە.

ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، د ئۇ ق نىڭ ياۋرۇپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى ئەنىۋەرجان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ميۇنخېندا داۋام قىلىۋاتقان ئىپتار سورۇنلىرىدىن كۆپ ھاياجانلىنىۋاتقانلىقىنى، خىيال قۇشلىرىنىڭ ئانا ۋەتەندە ئۆتكەن بالىلىق چاغلىرىغا قاراپ پەرۋاز قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە، رامىزان ئېيىنىڭ بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىرلىك، ئىناقلىقنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدىغان ھىدايەت سورۇنىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى بۆلۈش، پارچىلاش، يوقىتىش سۈيقەستىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

د ئۇ ق مەدەنىيەت - مائارىپ كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى بۇ يەردىكى رامىزانلىق پائالىيەتلەرنىڭ يالغۇز دىنىي مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىش سورۇنى بولۇپلا قالماستىن، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە، مۇلاھىزە قىلىش سورۇنىمۇ بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، ۋەتەندىكى خەلقنىڭ رامىزانلىق ھالى بىلەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇپ ئۆتتى.

چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا يۈرگۈزىۋاتقان دىنىي بېسىم سىياسىتى رامىزاننىڭ كىرىشى بىلەن يەنىمۇ كۈچەيگەن بولۇپ، بۇ خىل زورلۇق بىلەن ئىدارە قىلىش، قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇشقا تايانغان ھۆكۈمرانلىقنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدا تىنچ، مۇقىم بىر ۋەزىيەتنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا ئىمكان بەرمەيدىغانلىقى بايان قىلىنماقتا.