«گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار: بىمەنىلىك تۇتقۇنلىرى» ناملىق فىلىم تەيۋەندىكى فىلىم فېستىۋالىدا كۆرسىتىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.09.22
bimenilik-tutuqunliri-filmi-teywende.JPG تەيبېي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «يايلاق مەدەنىيىتى فېستىۋالى» دىن بىر كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 22-سېنتەبىر، تەيبېي، تەيۋەن.
RFA/Irade

22-سېنتەبىر، يەنى جۈمە كۈنى تەيۋەننىڭ تەيبېي شەھىرىدە «يايلاق مەدەنىيىتى فېستىۋالى» باشلانغان بولۇپ، فېستىۋالنىڭ باشلىنىش فىلىمى سۈپىتىدە «گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار: بىمەنىلىك تۇتقۇنلىرى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلگەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ فېستىۋالغا قاتناشتۇرۇلغان 10 فىلىمنىڭ تۆتى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

كانادا ۋەتەنداشلىقىدىكى پاترىشيو ھېنرىكۇئېز ئەپەندىنىڭ رېژىسورلۇق قىلىشى بىلەن ئىشلەنگەن 90 مىنۇتلۇق ھۆججەتلىك فىلىم «گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار: بىمەنىلىك تۇتقۇنلىرى» تەيۋەندىكى فىلىم فېستىۋالىنىڭ باشلىنىش فىلىمى سۈپىتىدە قويۇلۇپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىدى. بۇ فىلىمدە گۇەنتانامودىن ئالبانىيەگە يەرلەشتۈرۈلگەن ئابابەكرى قاسىم، بېرمۇداغا يەرلەشتۈرۈلگەن خېلىل ۋە پالاۋغا يەرلەشتۈرۈلگەن ئەخمەت قاتارلىق ئۈچ نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئەسلىمە ۋە بايانلىرى ئارقىلىق گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن. 

فىلىمدە يەنە گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ دېلوسىغا بىۋاسىتە ئارىلاشقان كىشىلەرمۇ ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئۇلارغا ئۇزۇن يىل تەرجىمانلىق قىلغان روشەن ئابباس خانىم ئەنە شۇلارنىڭ بىرى. ئۇ فېستىۋالنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن بولغان «تەيۋەن-تىبەت دوستلۇق جەمئىيىتى» نىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تەيۋەنگە بېرىپ، فېستىۋالنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ۋە فىلىمدىن كېيىنكى سۆھبەت يىغىنىدا سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن. روشەن خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن كۆرۈرمەنلەر ئارىسىدا زور تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ فىلىم فېستىۋالىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقۇچىلارنىڭ بىرى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى بولۇپ، ئۇ فىلىم فېستىۋالىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىش جەريانى ھەققىدە توختالدى. ئۇ، «ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر مەسىلىسىنى تەيۋەن خەلقىگە تونۇشتۇرۇش ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ بېرىش بۇ قېتىمقى فېستىۋالنىڭ ئاساسىي مەقسىتى»، دېدى. 

فىلىم فېستىۋالىغا قاتناشقان تەيۋەنلىك ئەدىب خوڭ خوڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىنكى ھېسسىياتىنى مۇنداق بايان قىلدى: «بىز ليۇ شياۋبونىڭ، لى مىڭجېنىڭ دېلولىرىنى كۆرگەن. ئەمما ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۇ ‹بىمەنىلىك تۇتقۇنلىرى› فىلىمىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇلار ئارىسىدا زىچ باغلىنىش بارلىقىنى ھېس قىلىسىز. بۇ فىلىم پەقەت خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىنى چۈشىنىش ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى بىر ئاز سانلىق مىللەتنىڭ قانداق قىلىپ زوراۋانلىق يولىنى تاللاشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى چۈشىنىشتىمۇ مۇھىم قىممەتكە ئىگە دەپ ئويلايمەن.» 

روشەن ئابباس خانىم مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ئۇيغۇرلار ھازىرقىدەك تېررورلۇق بىلەن قارىلىنىۋاتقان بىر شارائىتتا تەيۋەندە قويۇلۇشىنىڭ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلىغان ھالدا چۈشىنىشى ئۈچۈن ئەھمىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى. 

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ فىلىم فېستىۋالىدا يۈزلەرچە فىلىم ئارىسىدىن تاللانغان 10 فىلىم قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ تۆتى ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئىكەن. بۇ فىلىملارنىڭ ھەممىسى چەتئەللىك رېژىسورلار تەرىپىدىن ئىشلەنگەن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي مەسىلىلىرى ئەتراپلىق يورۇتۇلغان فىلىملار ئىكەن. 

مەزكۇر فىلىم فېستىۋالىغا قاتناشتۇرۇلغان فىلىملار تەيۋەننىڭ تەيبېي، تەينەن، تەيچوڭ قاتارلىق 3 شەھىرىدە كۆرسىتىلىدىغان بولۇپ، فېستىۋال تەيۋەندە خېلى زور قوللاشقا ئېرىشكەن. گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىشلەنگەن بۇ فىلىم ھازىرغا قەدەر كانادا، ئەنگلىيە، گوللاندىيە، تۈركىيە، چېخىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى فىلىم فېستىۋاللىرىدا قويۇلۇپ يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.