خەلقارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيەدە نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016.12.11
germaniye-uyghur-xelqara-insan-heqliri-kuni-2016.jpg گېرمانىيەدە خەلقارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتىن بىر كۆرۈنۈش
RFA/Ekrem


10-دېكابىر خەلقارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتىئى بىلەن گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى.

نامايىشنى د ئۇ ق نىڭ تەشەببۇسى بىلەن ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆكبايراق ۋە ھەرخىل لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈشۈپ، تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلاشقان ئۇيغۇر جامائىتى ئالدى بىلەن تەشكىلات رەئىسى ئەسقەرجاننىڭ خەلقارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى توغرىسىدىكى بايانلىرىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە ئائىت مەلۇماتلارنى ئاڭلىدى.

بۇ قېتىمقى نامايىشقا د ئۇ ق رەھبەرلىرى ۋە ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ھەمدە بىر قىسىم تۈرك كىشىلەرمۇ قاتناشقان بولۇپ، نامايىش چۈشتىن كېيىن سائەت 14:30 دا باشلاندى. ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى نامايىش جەريانىدا، ئالايىتەن بۇ نامايىش ئۈچۈن يىراق-يېقىنلاردىن كەلگەن ئۇيغۇرلارغا كۆپ رەھمەتلىرىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى مىللىي دەۋاغا تېخىمۇ يېقىن تۇرۇشقا چاقىردى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى نامايىش مەيدانىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ب د ت نىڭ ئىنسان ھەقلىرى باياننامىسىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر يول خەرىتىسى، دەپ ئاتىدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە توختىلىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق باياننامىسىغا كۆرە، ھامان بىر كۈنى مۇستەقىل بىر ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇشنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
گېرمانىيەدە خەلقارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتىن بىر كۆرۈنۈش
بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتناشقان د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نامايىشنىڭ مەقسىدى ۋە ئەھمىيەتلىرىنى تىلغا ئالدى. نامايىش جەريانىدا ئىلھام توختى گورۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندىمۇ سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقىنىڭ ئەسلىدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق باياننامىسىغا كۆرە قوغدىلىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى ھەل قىلىش ھەققىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە، 12-دېكابىر باۋارىيە پارلامېنتىدا چاقىرىلىدىغان ئىلھام توختى گورۇپپىسىنىڭ يىغىنى توغرۇلۇقمۇ توختىلىپ ئۆتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.