كاناداغا خىتاي كان ئىشچىلىرىنى ئەكېلىپ ئىشلىتىش مەسىلىسى مۇنازىرە پەيدا قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلشەن ئابدۇقادىر
2013.02.19
canada-kochmen-kanada-graphic-305.jpg كانادادىكى كۆچمەنلەر ۋە مۇددەتسىز تۇرۇش سالاھىيىتى بولمىغانلارنىڭ كېلىش مەنبەسى كۆرسەتمىسى.
en.wikipedia.org

يېقىندا كانادا خەلقئارا تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كانادانىڭ ھ د دەپ ئاتىلىدىغان مەلۇم بىر خىتاي تەرەپدارى كان شىركىتى ئۆزلىرىنىڭ بۇندىن كېيىن خىتاي كان ئىشچىلىرىنى ۋاقىتلىق ئىشچى ۋىزىسى بىلەن كاناداغا ئەكېلىپ ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ شىركەت خىتاي ئىشچىلىرىنى كاناداغا ۋاقىتلىق ئىشچى ۋىزىسى بىلەن ئەكېلىپ ئىشلىتىشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالغاندا، خىتاي كان ئىشچىلىرىنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارى بار دېگەن.

ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىندا خىتايدا زىيارەتتە بولغان كانادانىڭ بىرىتىش كولۇمبىيا ئۆلكىسىنىڭ ئايال ئۆلكە باشلىقى كىرىستى كلارك خىتاينىڭ كان ئىشلىرىغا مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي كان ئىشچىلىرىغا كانادادا ئىشلەش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن.

ئەمما، ھ د شىركىتىنىڭ خىتاي كان ئىشچىلىرى ھەققىدە بەرگەن بۇ باياناتلىرى كانادا مەتبۇئاتلىرىدا زور مۇنازىرە قوزغىدى. كانادادىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى، خىتاينىڭ كانلاردا قورقۇنچلۇق ھادىسىلەر داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرىدىغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ئىشچىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭىنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ،خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ كاناداغا كېلىپ ئىشلەشكە لاياقەتسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

كانادادىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى رەھبەرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلانغان ستېۋېن ھۇنت كانادا خەلقئارا تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي كان ئىشچىلىرى ئىقتىدارىنىڭ كانادا كان ئىشچىلىرىدىن ئۈستۈن بولۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، كانادانىڭ كان ئىشچىلىرىنى تەربىيىلەش تارىخىنىڭ 100 يىلدىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە، كانادا كان ئىشچىلىرى ھۇرۇن، قابىلىيەتسىز ۋە ياكى ئۆز ئىشىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلار ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي كان ئىشچىلىرىنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارى بولۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇلۇغ ئېرا گېزىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەنزۇچە نۇسخىسىدا نەقىل كەلتۈرۈلۈشىچە، خىتاي كان ئىشچىلىرىنى كۆپلەپ جەلپ قىلىۋاتقان كانادانىڭ بىرىتىش كولومبىيا ئۆلكىسىنىڭ مەلۇم بىر ئىچكى ماتېرىيالىدا، خىتاي كان ئىشچىلىرىنىڭ كانادا كانلىرىغا قىزىقىشىدا يۈزلەرچە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن دەپ يېزىلغان.

كانادا مەتبۇئاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر 200 دىن ئارتۇق خىتاي كان ئىشچىسى كاناداغا كېلىپ ئىشلەشكە ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەملىرى بېيجىڭدىكى كانادا كونسۇلخانىسىدا سۈردۈرۈلمەكتە ئىكەن.

كانادا كۆچمەنلەر ئادۋوكاتى رىچارد كۇرلاند ئۇلۇغ ئېرا گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «بۇنداق زور كۆلەملىك بىر گۇرۇپپا ئادەمنىڭ كاناداغا ئىشچى بولۇپ كېلىشى نورمال ئەھۋال ئەمەس، ئەگەر مەسىلە كانادادىكى ئىش ئىمكانلىرىنى قوغداش مەسىلىسى دەپ قارالسا، ئۇ ھالدا كانادا، كانادالىق ئىشچىلارنى قوبۇل قىلىش مەسىلىسىنى چەتئەللىك ئىشچىلار مەسىلىسىدىن بۇرۇن ئويلىشىشى كېرەك» دېگەن.

ئۇلۇغ ئېرا گېزىتىنىڭ بەرگەن خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2007-يىلى كانادانىڭ ئالبېرتا ئۆلكىسىدىكى بىر نېفىت كانىدا كان گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 2 خىتاي ئىشچى نەق مەيداندا ئۆلگەن، 5 نەپەر خىتاي ئىشچى ئېغىر يارىلانغان. قالغان خىتاي ئىشچىلار دەرھال خىتايغا قايتۇرۇلغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بۇ ئىشچىلارنىڭ كانادا بىلەن شېرىكلەشكەن شاڭخەي ئېنېرگىيە ۋە نېفىت خىمىيە شىركىتىنىڭ ئىشچىلىرى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

ئالبېرتا ئۆلكىلىك ساغلاملىق ۋە بىخەتەرلىك ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ ھادىسىنى ئىنچىكە تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە، شاڭخەي ئېنېرگىيە ۋە نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ كانادانىڭ 53 تۈرلۈك ئىش ئورنىدا ساغلاملىق ۋە بىخەتەرلىك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئاشكارىلانغان. نەتىجىدە ئالبېرتا ئۆلكىسى تەرەپ سوتقا داۋا ئاچقان. ئاخىرىدا كانادا سوتى، شاڭخەي ئېنېرگىيە ۋە نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ كانادانىڭ ئىش ئورنى بىخەتەرلىك ۋە ساغلاملىق بەلگىلىمىلىرىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن 2 خىتاي ئىشچىسىنىڭ ئۆلۈشىگە ۋە 5 خىتاي ئىشچىسىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغانلىقى ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغان.

ئېغىر ئىش ئورنى مەسئۇلىيەتسىزلىكى بىلەن كانادا خەلقىنى چۆچۈتكەن بۇ ۋەقە ھەققىدە توختالغان سابىق كانادا، ئاسىيا تىنچ ئوكيان مالىيە ئىشلىرى كاتىپى داۋىد كىلگور: «كانادانىڭ ئالبېرتا ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن بۇ كان گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە كۆرۈلگەن ئۆلۈم ۋە يارىلىنىشنىڭ ئېغىرلىقى، خىتاي دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلاردا ئىشچىلارنىڭ قىلچە ئېتىبارىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. خىتاي دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر دۇنيا بويىچە ئىشچىلارنى قەدىرلىمەسلىك ۋە ئۇلارنىڭ ھايات ‏-ماماتى بىلەن ھېسابلاشماسلىق جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ» دېگەن.

يېقىندا، كانادادىكى بىر قىسىم كانچىلىق شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىن ئىشچى قوبۇل قىلىشقا قىزىقىۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنى ئالاھىدە ئىقتىدارلىق دەپ تەرىپلىگەنلىكىگە قارىتا، خىتايدا مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىگە مۇخبىرلىق قىلىپ بارغان كانادا خەلقئارا تېلېۋىزىيىسىنىڭ مۇخبىرى پائۇل جونسۇن خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى نۇرغۇنلىغان كان ئىشچىلىرىنى زىيارەت قىلغان ۋە خەلقئارا تېلېۋىزىيە قانىلىدا بەرگەن خەۋىرىدە خىتاينىڭ كانچىلىق ئىشلىرى ئىنتايىن پاسكىنا ۋە خەتەرلىك دەپ خەۋەر بەرگەن.

بەزى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بولسا، خىتاي ئىشچىلىرى كاناداغا كەلگەندىن كېيىن، كانادانىڭ بىخەتەرلىك بەلگىلىمىلىرىنى ياخشى ئۆگىنىشى ئۈچۈن ئۇلارغا قارىتىلغان ئىنگلىز تىلى سۈپەت ئۆلچىمىنى چىڭايتىشى كېرەك، يەنى خىتاي كان ئىشچىلىرى كاناداغا ئىشچى بولۇپ كېلىش ئۈچۈن خىتايدا ياسى دەپ ئاتىلىدىغان ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشى كېرەك دەپ قارىماقتا.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.