7-سېنتەبىر كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيە مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جازا لاگېرلىرى قۇرۇپ بىر مىليون ئۇيغۇرنى سولىغانلىقىنى ئەيىبلەش بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. مەتبۇئات باياناتىدا مۇنداق يېزىلغان: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، يەنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئېغىر بېسىملار توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئىشەنچلىك خەلقئارا ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرى تەرىپىدىن تارقىتىلماقتا. بۇلارنى پارتىيەمىز يېقىندىن كۆزەتمەكتە».
30-ئاۋغۇست كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا بىر مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇرنىڭ «جازا لاگېرلىرىدا» تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى دۇنياغا بىلدۈرۈلگەندىن كېيىن خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ مەسىلىگە كەڭ-كۆلەمدە ئورۇن بېرىشكە باشلىدى.
تۈركىيەدىكى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىدىن ئايرىلىپ چىققان كىشىلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان «ياخشى» پارتىيە بۇ يىلقى سايلامدا تۈركىيە پارلامېنتىدىكى 46 ئورۇنغا ئېرىشكەن.
مەزكۇر پارتىيە ئۆز باياناتىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا قارشى ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىرىپ مۇنۇلارنى يازغان: «دۆلىتىمىزنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن ئۇنىڭ شېرىكى بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدا ھازىرغىچە جىم تۇرۇۋېلىشى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي كرىزىس ئىچىدە بولغانلىقى، خىتايدىن قەرز پۇل ئالغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن ئۇنى قوللاۋاتقان شېرىكى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنى دۆلىتىمىز نامىدىن خىتايغا قارشى ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىرىمىز».
«ياخشى» پارتىيىنىڭ 7-سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسى توغرىسىدا بەرگەن مەزكۇر باياناتى مۇنداق ئاخىرلاشقان: «ھۆكۈمىتىمىز پارتىيەمىزنىڭ بۇ چاقىرىقىغا قانچىلىك تېزلىكتە ئاۋاز قوشىدىغانلىقىنى سەۋرسىزلىك بىلەن كۈتىمىز. ھەر ھالدا ئاتىلىرىمىز دېگەندەك قەرز بەرگەننىڭ تىلى ئۇزۇن، قەرز ئالغاننىڭ تىلى قىسقا ئەمەستۇ».
بايانات «ياخشى» پارتىيىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە تۈركىي مىللەتلەرگە مەسئۇل كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەت كامىل ئەروزان تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، 2 كۈندىن بۇيان كۆپ ساندا گېزىت ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلدى.
تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەندىن بېرى، سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىدا «ھەي ئامېرىكا!» دەپ تەنقىد قىلماقتا. ئەمما ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ھازىرغىچە خىتايغا ئىنكاس قايتۇرمىدى. «ياخشى» پارتىيە باياناتچىسى مەمەت ساتۇق بۇغرا قاۋۇنجۇ ئەپەندى 11-سېنتەبىر كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاندىن «سىز قاچان ھەي خىتاي! دەپ خىتايغا ئىنكاس قايتۇرىسىز» ؟ دەپ سوراپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى باياناتىمىزنى ئۆتكەن كۈنى كەڭ ئامما بىلەن ئورتاقلاشتۇق. ھەممىڭلارغا مەلۇم بولغىنىدەك شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كۈن تەرتىپىگە كىرگۈزدى. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە قارىتا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ خىتايغا قارشى چارە-تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى مەلۇم بولۇۋاتىدۇ. دۆلەت رەئىسىمىز ئەمدى ‹ھەي ئامېرىكا دەرمۇ ياكى ھەي خىتاي! دەرمۇ؟› بۇنى كۈتۈۋاتىمىز».
2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» يۈز بەرگەندە تۈركىيە ھۆكۈمىتى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ھەرقايسى پارتىيەلەر دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ خىتاينى ئەيىبلىگەن ئىدى. بۇ قېتىم ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولاش مەسىلىسى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە غەرب ئەللىرىدە يۇقىرى دەرىجىدە كۈن تەرتىپكە كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا ئىنكاس قايتۇرماسلىقىدىكى سەۋەب نېمە؟ بۇنىڭدىن كېيىن ئىنكاس قايتۇرۇش ئېھتىمالى بارمۇ؟ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىستانبۇلدىكى يىلدىز تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئوقۇتقۇچىسى، پروفېسسور دوكتور مەمەت ئاكىف ئوقۇر ئەپەندى، ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار مۇنبىرى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى، ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى 2015-يىلى 7-ئاينىڭ ئاخىرىدىن تارتىپلا تۈركىيەنىڭ خىتاي سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭمۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۈن تەرتىپىدىن چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، «ياخشى» پارتىيىنىڭ «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسى توغرىسىدىكى باياناتىنىڭ ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
پروفېسسور دوكتور مەمەت ئاكىف ئوقۇر ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئېغىر ئىقتىسادىي ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىلەردىن تۈپەيلى سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن ئىنكاس قايتۇرمايۋاتىدۇ؟ دېسىڭىز قولۇمدا ئېنىق بىر ئىسپاتىم يوق. لېكىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈركىيە ئۈچۈن بەك مۇھىم. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى كۆڭلىمىزنى بەكلا يېرىم قىلماقتا. ئەمما تۈركىيە ھازىر ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولماقتا. ئېغىر بىخەتەرلىك مەسىلىسىمۇ بار. شۇڭا ئەتراپىدىكى مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بېرىۋاتقاندەك تۇرىدۇ. تۈركىيە بارلىق بۇ قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى، تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىمەن دەۋاتقان خىتاينىڭمۇ ئۇيغۇرلارغا بولغان بېسىم سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك».
تۈركىيە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر تۈركىيە ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇلار ئەگەر بۇ ھەقتە خىتايغا ئىنكاس قايتۇرسا تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە زىيان كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. خەلقئارا مۇناسىۋەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا راستىنىلا مۇشۇنداق بولارمۇ؟ پروفېسسور دوكتور مەمەت ئاكىف ئوقۇر ئەپەندى خىتاي ئوتتۇرا شەرققە ۋە ياۋروپاغا ئېچىلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە ئېھتىياجى بارلىقىنى، تۈركىيە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويسا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە زىيان يەتمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى خىتاينى بىئارام قىلماسلىقى كېرەك. تۈركىيە بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارىخىي بىر باغلىنىش مەۋجۇتلۇقى پۈتۈن دۇنياغا مەلۇم، بۇنى خىتايمۇ بىلىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. شەرقىي تۈركىستان خىتاي دۇنياغا ئېچىلىدىغان يولنىڭ ئۆتىڭىدۇر. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ سىياسىتى خىتاينىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان خىتاينىڭ تۈركىيە دۆلىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىدىن بىئارام بولماسلىقى كېرەك».
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى «ياخشى» پارتىيىنىڭ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلغانلىقىغا خۇرسەن بولغانلىقىنى، 10-ئاينىڭ 1-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتى خىزمەت باشلىسا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
خىتايلار ئۇيغۇرلار، قازاقلارغا قاراتقان «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى»، يەنى «جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى» نى ھازىرغىچە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى گۈرسەل تېكىن ئەپەندى بىلەن خەلقنىڭ دېموكراتىيە پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ئۆمەر فارۇق گەرگەرلىئوغلۇ ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويغان.