تونۇلغان رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىم مەخسۇس رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچتى

0:00 / 0:00


12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە تونۇلغان رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ مەخسۇس رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.

پسىخولوگىيە ئاكادېمىيەسىنىڭ رەسىم كۆرگەزمە زالىدا ئېچىلغان ئېچىلىش مۇراسىمىغا گېرمانىيەدىكى تونۇلغان رەسساملار، رەسىم ھەۋەسكارلىرى ۋە ئاممىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان. ئېچىلىش مۇراسىمىغا د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى مەسئۇلى قەيسەر ئۆزخۇن ئەپەندىلەرمۇ قاتناشقان. 2014 - يىلى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 2015 - يىلى 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنىگىچە ئىككى ئاي داۋام قىلىدىغان بۇ كۆرگەزمىگە مەرۋايىت ھاپىز خانىم سىزغان 70 پارچە رەسىم قويۇلغان بولۇپ، رەسىملەردە قەشقەرنىڭ تارىخى ئۆيلىرى، قەدىمىي كوچىلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە مەدەنىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ ياۋروپادىكى 18 يىللىق رەسساملىق ھاياتىغا يۇقىرى باھا بېرىپ مۇنداق دېدى:

مەرۋايىت ھاپىز خانىم ياۋروپادا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن 18 يىللىق رەسساملىق ھاياتىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نۇرغۇن كۆرگەزمىلەرگە قاتناشتى ۋە ئۆزىنىڭ مەخسۇس كۆرگەزمىلىرىنى ئاچتى. ياۋروپالىقلار سىياسەتتىن كۆپرەك مەدەنىيەت - سەنئەتكە قىزىقىدۇ. مەرۋايىت خانىم رەسىملىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونۇتۇشقا بولۇپمۇ ياۋروپاغا تونۇتۇشقا زور تۆھپىلەرنى قوشتى.

ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى مەسئۇلى قەيسەر ئۆزخۇن ئەپەندى مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ چەتئەلدىلا ئەمەس بەلكى ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ تونۇلغان بىر ئۇيغۇر رەسسام ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر رەسساملىق تارىخىدا ئۆزىگە خاس بىر ئۇسلۇبنى ياراتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.