مەخمۇتجان قارى: «مىسىر ساقچىلىرى ئۆيۈمگە بېسىپ كىرگەندە قېچىپ قۇتۇلدۇم»
2017.07.12

خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولغا ئېلىنىشى ھەمدە خىتايغا قايتۇرۇلۇشقا باشلىغانلىقى ھەققىدە كۆپلەپ خەۋەرلەر بېرىلىۋاتقان. خەلقئارادىكى بەزى تەشكىلاتلار مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشىنى «خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق» دەپ ئەيىبلاۋاتقان بۇنداق بىر پەيتتە، مىسىر دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى ئۆيىگە بېسىپ كىرگەندە، باشقا بىر دۆلەت ئارقىلىق تۈركىيەگە قېچىپ كەلگەن مەخمۇتجان قارىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئۇ، مىسىر ساقچىلىرىنىڭ 6-ئاينىڭ 30-كۈنى كېچىدە بىرىنچى بولۇپ ئۆزىنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ، ئاختۇرغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەنلا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قولغا ئېلىشقا باشلىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلغان مىسىردىكى ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قولغا ئېلىش ئىشىنىڭ دۈشەنبە كۈنى، يەنى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى باشلانغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ياتاق، كوچا ۋە ئاشخانىلاردىن تۇتۇپ سولاپ قويۇلغان بالىلار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
مەخمۇتجان قارىم 20 ساقچىنىڭ ئىتلارنى يېتىلەپ ئۆز ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ ئاختۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنىڭ مىسىردا قانۇنىي تۇرۇش كىنىشكىسىنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىنى قايتۇرۇۋېتىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
قىممەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، مىسىر ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قولغا ئېلىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ؟ دېگەندەك سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن مەخمۇتجان قارىم خىتاي تەرەپنىڭ مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى يۇرتىغا قايتىشقا چاقىرغاندا، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قايتقان بولسىمۇ، ئەمما كۆپ ساندا ئوقۇغۇچىنىڭ قايتمىغانلىقىنى، ئاخىرىدا بۇ ئەھۋالنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
مىسىردا ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ھەسەناللا ئەپەندى ئەسلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مىسىر ھۆكۈمىتى تىل بىرىكتۈرۈپ، بۇ ئوقۇغۇچىلارنى يەڭ ئىچىدىلا ئېلىپ كېتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى، بۇ، خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىپ قالغان بولغاچقا، ئۇلارنى قايتۇرالمايۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
پەرەز قىلىنىشىچە، ئىلگىرى ئاخىر بولۇپ مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن مىڭدەك كىشى تۈركىيەگە كېلىپ بولغان، ئەڭ ئاز يۈز ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى مىسىرنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىكى تۈرمىلەردە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتماقتا ئىكەن.