پاكىستاننىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خەتەرلىك دۆلەتكە ئايلىنىپ قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2015.02.27
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
pakistan-uyghur-perzentler-balilar.jpg پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرى
RFA/Pidaiy


1950 - يىللاردا پاكىستانغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، پاكىستاندا پاكىستان كىملىكى بىلەن ياشاۋاتقان يەنە بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى 10 نەچچە يىلدىن بىرى پاكىستان بىلەن ئافغانىستان ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ بارغانسېرى يىرىكلىشىشى ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشى نەتىجىسىدە، پاكىستان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك بىر دۆلەتكە ئايلىنىپ قالغان.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ئافغانىستان كىملىكى بىلەن پاكىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى بارغانسېرى ناچارلاشقان بولۇپ، يېڭىدىن تۇغۇلۇپ قاتارغا قوشۇلۇۋاتقانلارنىڭ ئوقۇش مەسىلىسى، چوڭلارنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسى، بىمارلارنىڭ داۋالىنىش مەسىلىلىرى نۆۋەتتە ئەڭ ئېغىر ئىكەن.

ھازىر يەنە، جىددىي قۇتقۇزۇۋېلىنىشى لازىم بولۇۋاتقان 3 نەپەر ياشانغان ئۇيغۇر پاكىستان تۈرمىسىدە ئىكەن. پاكىستان كىملىكى بولمىغان بىر ئۇيغۇر ئانا ئۆزىنىڭ پەرزەنتىنى دوختۇرخانىدىن ئېلىپ چىقالمىغان.

تەپسىلاتى ھەققىدە پىدائىي تەييارلىغان پروگراممىدىن مەلۇمات ئالغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.