پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار «خىتاي پۇقرالىرى جەمئىيىتى» تارقاتقان جەدۋەلدىن ئەندىشىلەنمەكتىكەن

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019.01.24
Pakistan-uyghur-xitay-jedwel.jpg پاكىستاندىكى «ئىلگىرىكى خىتاي پۇقرالىرى جەمئىيىتى» تەرىپىدىن پاكىستان پۇقرالىقىغا ئۆتۈپ بولغان ئۇيغۇرلارغا تارقىتىلغان جەدۋەل.
Oqurmen teminligen

ئىگىلىشىمىزچە، پاكىستاننىڭ گىلگىت ۋە راۋالپىندى قاتارلىق جايلىرىدا نۆۋەتتە 600 دىن كۆپرەك ئۇيغۇر ئائىلىسى ياشاۋاتقان بولۇپ، پاكىستانغا يەرلەشكىنىگە 50 يىلدىن ئاشقان بۇ ئۇيغۇرلار خىتاي پۇقرالىقىدىن ۋاز كېچىپ، ئاللىقاچان پاكىستان تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ بولغان ئىكەن. ئەمما 2018-يىلنىڭ ئاخىرى ۋە 2019-يىلى كىرگەندىن بۇيان گىلگىت ۋە راۋالپىننىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار خىتاي ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان «خىتاي پۇقرالىرى جەمئىيىتى» تەرىپىدىن تارقىتىلغان جەدۋەل تاپشۇرۇۋالغان. جەدۋەلدە پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۇلارنىڭ تولۇق ئۇچۇرىنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن ئەندىشە ھېس قىلماقتا ئىكەن.

پاكىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» نامىدىكى تەشكىلاتنىڭ باشلىقى ئۆمەر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ھازىرغىچە گىلگىتتىكى ئۇيغۇرلاردىن 200 ئائىلە، راۋالپىندىدىكى ئۇيغۇرلاردىن تەخمىنەن 110 ئائىلىنىڭ بۇ خىل جەدۋەلنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە بۇ جەدۋەلنىڭ ئۆزلىرىنى ئەندىشىگە سالغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۆمەر ئەپەندى پاكىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، پاكىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى يېقىن مۇناسىۋەت سەۋەبىدىن پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەت ھەققىدە ئەركىن پىكىر قىلالمايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە قارىتا ھەرقانداق بىر نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتىنىڭ پاكىستاندا قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە پاكىستاندەك بىر دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كونسۇلخانىسى ھامىيلىقىدىكى «خىتاي پۇقرالىرى جەمئىيىتى» تەرىپىدىن تارقىتىلغان بۇنداق بىر جەدۋەلدىن ئەندىشىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

راۋالپىندىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردىن نادىر ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، جەدۋەل تاپشۇرۇۋالغانلارنىڭ زور كۆپ قىسمىنىڭ ئائىلە ئاياللىرى بولغىنى ئۈچۈن ئۇلار ئالدى بىلەن جەدۋەلنىڭ تاقىتىلىش سەۋەبى ۋە جەدۋەلدە تەلەپ قىلىنغان ئۇچۇرلارنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى ھەققىدە كۆپ ئويلانمايلا جەدۋەلنى تولدۇرۇپ تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە جەۋەلنى تاپشۇرۇپ بولغان 100 دىن ئارتۇق ئائىلىدىن 60-70 ئەتراپىدىكى ئائىلىنىڭ بىرنەچچە كۈندىن كېيىن «خىتاي پۇقرالىرى جەمئىيىتى» ئىشخانىسىغا بېرىپ، تاپشۇرۇپ بولغان جەدۋەللەرنى قايتۇرۇپ ئېلىۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز گىلگىت ۋە راۋالپىننىدىكى ئۇيغۇرلارغا تارقىتىلغان جەدۋەل ھەققىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن جەدۋەلنى تارقىتىش خىزمىتىنى ئاكتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان راۋالپىندىدىكى «خىتاي پۇقرالىرى جەمئىيىتى» نىڭ خىزمەتچىسى ئەزىمجان ۋە مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ رەئىسى ئېھسان پاشا ئەپەندىگە تېلېفون قىلدۇق.

ئەزىمجان ئەپەندىنىڭ قول تېلېفونى ئېلىنمىدى. ئەمما «خىتاي پۇقرالىرى جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ئېھسان پاشىنىڭ تېلېفونى ئۇلاندى. ئۇ دەسلەپتە بۇنداق بىر جەدۋەلدىن خەۋىرى يوقلىغىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما كېيىن مەزكۇر جەمئىيەت تەرىپىدىن بۇ خىل جەدۋەلنىڭ تارقىتىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

ئەمما ئۇ بۇ جەدۋەلنى تارقىتىشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگىنىدە «خىتاي پۇقرالىرى جەمئىيىتى» نىڭ بۇ جەدۋەلنى تارقىتىشى خىتاي كونسۇلىنىڭ ياردىمى بىلەن ئېچىلغان مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى بىلىش ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مەزكۇر جەدۋەل سەۋەبلىك پاكىستاندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالغاندەك ئەھۋالنىڭ يوقلۇقىنى، ئۇلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئەۋەتىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى.

پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار رادىيومىزغا گىلگىت ۋە راۋالپىندىدىكى ئۇيغۇرلارغا تارقىتىلغان جەدۋەلنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولۇپ، راۋالپىندىدا تارقىتىلغان جەدۋەلدە شۇ ئائىلىنىڭ پاكىستاندىكى ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنغان. ئەمما ئىككى ئاي ئىلگىرى گىلگىتتا تارقىتىلغان جەدۋەلدە پاكىستانغا يەرلىشىپ ئاللىقاچان پاكىستان دۆلەت پۇقرالىقىغا ئۆتۈپ بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن 50 يىل ئىلگىرىكى خىتاي پۇقرالىقى مەزگىلىدە ئۆز يۇرتىدىكى كونا ئادرېسلىرىنىمۇ تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.

پاكىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۆز ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەندىن كېيىن، بۇ ئەھۋال پاكىستاندىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.