خىتاي پۇقرالىرىنىڭ پارىژدىكى مۇشتۇمزورلۇقى غۇلغۇلا قوزغىدى

0:00 / 0:00

ليۇ فامىلىلىك بىر خىتاي كۆچمەننىڭ فىرانسىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشى سەۋەبلىك، پارىژدا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نامايىشلىرى بىر ھەپتىدىن بېرى داۋام قىلماقتا ئىدى. 2-ئاپرېل خىتاي نامايىشچىلارنىڭ پارىژ كوچىلىرىدىكى نامايىشىغا 6 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان بولۇپ، نارازىلىق نامايىشى پارىژدا بىگۇناھ ئىنسانلارغا، ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش، ساقچى ئاپتوموبىللىرىنى ئۇرۇپ-چېقىشتەك زوراۋانلىققا ئايلانغان. تاراتقۇلاردا، پارىژدا ئېتىۋېتىلگەن خىتاينىڭ ئۆلۈمىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش باھانىسىدە، پارىژ كوچىلىرىدا قالايمىقانچىلىق چىقىرىپ ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان خىتايلارنىڭ ئارقىسىدا كۈشكۈرتكۈچىنىڭ خىتاي مافىيا گۇرۇھى ياكى ھۆكۈمەت بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئۆز دۆلىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادالەتسىزلىك ۋە زوراۋانلىقىغا قارشىلىق بىلدۈرەلمىگەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ چەتئەلدە يىغىلىپ مۇشتۇمزورلۇق قىلىشى يەنە، ئۇيغۇرلاردىمۇ ھەر خىل مۇنازىرىلەرگە تېما بولدى.

ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى كەچ، فىرانسىيە پايتەختى پارىژنىڭ 19-رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق خىتاي كۆچمەن ليۇ شاۋياۋ، ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى جەريانىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، 27-مارت، سەيشەنبە كەچتە نەچچە يۈزلىگەن خىتاي 19-رايونىدىكى ساقچى پونكىتى ئالدىغا توپلىشىپ «ليۇ شاۋياۋ ئۈچۈن ئادالەت»، «ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا خاتىمە بېرىلسۇن»، «سەۋەبسىز ئۆلتۈرۈلدى» دېگەن شوئارلارنى توۋلاپ، ۋەقەگە چۈشەنچە بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان، نامايىشچىلار ھەتتا ساقچى پونكىتىغا بېسىپ كىرمەكچى بولغان. بىر قىسىم نامايىشچىلار ساقچى پونكىتى ئالدىغا توختىتىپ قويۇلغان ساقچى ئاپتوموبىلىغا ئوت قويۇپ بەرگەنلىكى مەلۇم. بۇ خىل نارازىلىق زوراۋانلىق تۈسىنى ئالغان كۆرۈنۈشلەر چوڭ-كىچىك ئاخبارات ۋە تاراتقۇلاردا تېما بولماقتا. بېيجىڭ دائىرىلىرى بۇ ۋەقەگە ئىنكاس قايتۇرۇپ: «فىرانسىيەدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىش» نى تەلەپ قىلغان.

پارىژ ساقچى دائىرىلىرى 26-مارت كەچتە 19-رايوندا بىر ئۆيگە تەكشۈرۈشكە بارغان 3 ساقچىنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن خىتاي كۆچمەن ليۇ شاۋياۋنىڭ، قايچا بىلەن ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ساقچىلاردىن بىرىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ليۇ شاۋياۋغا ئوق چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۆلگۈچى خىتاي كۆچمەن ليۇ شاۋياۋ نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى ئۆلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ قىزى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىگە، دادىسىنىڭ ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلمىغانلىقىنى، ۋەقە جەريانىدا ئاشخانىدا بېلىق تازىلاۋاتقانلىقىنى، قوڭغۇراق چېلىنغاندىن كېيىن، قولىدا قايچا تۇتقان پېتى ئىشىك ئاچقانلىقىنى ۋە 10 سېكۇنت ئىچىدىلا ئېتىپ تاشلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەتبۇئاتلاردا ۋە تاراتقۇلاردا يەكشەنبە كۈنى يەنى 2-ئاپرېل 6 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي پارىژدا يىغىلىپ، نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەنلىكى. نارازىلىق نامايىشى تەشكىللىگەن خىتايلارنىڭ كوچىدىكى مۇناسىۋەتسىز پۇقرالارغا،ساقچىلارغا تۇخۇم، بوتۇلكا ۋە مېۋە بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى، نامايىش داۋامىدا خىتايلارنىڭ يەنە پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمىتىگە تەۋە بىر ئاپتوموبىلنى دۈم كۆمتۈرۈپ تاشلىغانلىقى نۇرغۇن قاتناش چىراغلىرىغا زىيان سالغان نامايىشچىلار بەزى ئىش ئورۇنلىرىنىڭ دېرىزىلىرىنىمۇ چېقىۋەتكەنلىكى، نامايىشچىلارنى تارقىتىش ۋە ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ساقچىلارنىڭ بوتۇلكا بىلەن تاش ئاتقان نامايىشچىلارغا بېسىملىق سۇ بىلەن ياش ئاققۇزۇش بومبىلىرىنى ئىشلەتكەنلىكى قاتارلىق جەريانلار سۈرەتلىك، كەڭ تۈردە خەۋەر قىلىندى.

رادىيومىز خىتاي بۆلۈمى مۇخبىرلىرى 2-مارت كەچتە پارىژدا ليۇغا ئادالەت تەلەپ قىلىپ تەزىيە ۋە يىغىلىش قىلىۋاتقان خىتايلاردىن تېلېفون ئارقىلىق مەلۇمات ئالغان بولۇپ، يىغىلىشقا قاتنىشىۋاتقان جاڭجيەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شۇ كۈنى بىردىن كېيىن يىغىلىشقا باشلىغان نامايىشچىلار 7 مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، تەزىيە بىلدۈرۈش ۋە ئادالەت تەلەپ قىلىش يىغىلىشى ئاياغلىشىشنىڭ ئالدىدا نامايىشچىلار، ۋالىيلىق تەرىپىدىن بېكىتىپ بېرىلگەن يىغىلىش ئېلىپ بېرىش لىنىيەسىنىڭ سىرتىغا چىققانلىقى ئۈچۈن ساقچىلار ھەرىكەتكە ئۆتكەن ۋە نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن، ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە كالتەكلەرنى ئىشلىتىپ نامايىشچىلارنى تارقىتىۋەتمەكچى بولغان. بۇ جەرياندا، نۇرغۇنلىغان نامايىشچىلار يارىدار بولغان.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، پارىژدىكى خىتايلارنىڭ نارازىلىق يىغىلىشلىرى جاۋابسىز قالمىغان، يىغىلىشقا قاتناشقان ليۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى نامايىشچىلارنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرىپ، فىرانسىيە دائىرىلىرىنىڭ ليۇ شاۋياۋنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن ھال سوراپ، ۋەقە ئۈستىدىن ئەستايىدىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا ۋەدە بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پارىژدا ساقچىلارغا قارشىلىق كۆرسىتىپ ھۇجۇم قىلغان بىر خىتاي ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەندە، فىرانسىيەدىكى مىڭلىغان خىتايلارنىڭ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەنلىكى ۋە مۇشتۇمزورلۇق قىلىپ زوراۋان ۋاسىتىلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقى شۇنداقلا ھەتتا بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ فىرانسىيەگە بېسىم ئىشلەتكەنلىكى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ ئىشنىڭ ئارقىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ياكى خىتاي مافىيا كۈچلىرى بار دېگەندەك قىياسلارنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە.

فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئەركىن ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، مەزكۇر ۋەقەنىڭ فىرانسىيەدىكى تەسىرىنى سورىدۇق. ئۇمۇ بۇ نامايىشچىلاردىن خىتاي دۆلىتى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن بېسىم ياكى پۇل بىلەن پايدىلىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن دېگەن گۇمانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئەركىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە تولۇقسىز مەلۇماتلاردا پارىژدا 300 مىڭدىن كۆپرەك خىتاي ياشايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە 500 مىڭدىنمۇ جىق بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بولۇپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىنسانىي ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاق پەزىلىتىنىڭ تۆۋەنلىكى، مەدەنىيەتسىز قىلمىشلىرى بىلەن فىرانسىيەدىلا ئەمەس، پۈتكۈل ياۋروپادا يامان تەسىرى بار. ئەركىن ئەپەندى يەنە، گەرچە بۇ نامايىش ۋە توقۇنۇشلاردا ئۇيغۇرلار تەسىرگە ئۇچرىمىغان بولسىمۇ، قولىدا خىتاي پاسپورتى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ، فىرانسىيە جەمئىيىتىدە ئىش ئىزدەش ۋە باشقا جەھەتلەردە تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي پۇقرالىرىنىڭ، باشقا ئەلدە يىغىلىپ «ئادالەت تەلەپ قىلغان» بولۇپ مۇشتۇمزورلۇق قىلىشى ھەتتا ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭمۇ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، گېرمانىيەدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سىياسىي كۆزەتكۈچى پەرھات يۇرۇڭقاش ئەپەندى، بىر قانچە قېتىملىق تېررورلۇق ۋەقەلىرىدىن كېيىن، ئالاھىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى داۋام قىلىۋاتقان فىرانسىيەدە بىر خىتاينىڭ ساقچىلارغا ماسلاشمىغانلىقى ۋە قارشىلىق كۆرسىتىشى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى باھانە قىلىپ، پارىژ كوچىلىرىدىكى كالتەك-توقماقلارنى كۆتۈرۈپ، كىشىلەرگە ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملارنى ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتايلارنىڭ، ئۆزىنىڭ كۆز ئالدىغا دەرھال «26-ئىيۇن شاۋگۇەن ۋەقەسى»، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى»دەك خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن زوراۋانلىقلىرى، ناھەق، ۋەھشىيلەرچە تاياق-توقماقلار بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنى، شۇ جەرياندىكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئادالەتسىزلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقلىرىنى قانلىق باستۇرۇشلىرىدەك مەنزىرىلەرنى كۆز ئالدىغا ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ۋە روشەن سېلىشتۇرما بولغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلدى.