پارلامېنت ئەزاسى سىنان ئوغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرىدىن رابىيە قادىر خانىمنى سورىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2013.11.22
parlament-ezasi-sinan-oghan-305.png پارلامېنت ئەزاسى سىنان ئوغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرىدىن رابىيە قادىر خانىمنى سورىدى
Photo: RFA


تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى دوكتور سىنان ئوغان ئەپەندى 22 - نويابىر كۈنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2014 - يىللىق ئاتچوتىنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنىدا مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇدىن «ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئىراندىكى تۈركلەرنىڭ لىدىرى مەھمەت ئەلى چەھرىگانلىنىڭ تۈركىيەگە كېلىشىگە قاچان رۇخسەت قىلىسلەر؟» دەپ سورىدى. مىنىستىر بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتە قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان.

دوكتور سىنان ئوغان ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتى مالىيە ئىشلىرى كومىسيونىدىكى يىغىندا سۆز قىلىپ، «ھۆكۈمىتىڭلارنىڭ تۈرك دۆلىتىنىڭ تاشقى سىياسىتىنى قېيىن ۋەزىيەتكە چۈشۈرۈپ قويغىنىڭلار ھەممىمىزگە مەلۇم. بۇ ھەقتە توختالمايمەن. مەن تۆۋەندىكى بىر نەچچە مەسىلە توغرىسىدا توختالماقچىمەن. تۈركىيە دۆلىتىگە ھاقارەت قىلغان، تۈركىيەگە قارشى بولغان كىشىلەرنى، مەسىلەن سۇرىيەدىكى كۈرت تەشكىلاتى پ ي د نىڭ رەئىسى سالىھ مۇسلىمغا ئوخشاش كىشىلەرنى تۈركىيەگە چاقىرىپ يولىغا قىزىل گېلەم سېلىپ كۈتىۋالدىڭلار. تۈركىيەگە ۋىزا ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە ھاقارەت قىلىشى كېرەكمۇ؟ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئىراندىكى تۈركلەرنىڭ رەھبىرى مەھمەت ئەلى چەھرىگانلىغا نېمە ئۈچۈن ۋىزا بەرمەيسىلەر؟» دەپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇنى قاتتىق تەنقىد قىلغان.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ پارلامېنت ئەزاسى دوكتور سىنان ئوغاننىڭ سوئالىغا «خۇدايىم بۇيرىسا بىر كۈن كېلىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدە داۋاملىق ھالدا كۈنتەرتىپكە كېلىشكە باشلىشىنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ ئەخمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ «رابىيە قادىر خانىم خۇدا بۇيرىسا بىر كۈن تۈركىيەگە كېلىدۇ» دېگەن جاۋابىنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ دېگەن سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن مۇتەخەسسىسلەرگە مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.