قازاقىستان ۋە خىتاي ئۆز-ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتمەكتە
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2013.04.16
2013.04.16

AFP Photo
كېيىنكى ۋاقىتلاردا قازاقىستان ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭ بارغانسېرى قويۇقلىشىۋاتقانلىقى بايقالماقتا. ئۆز نۆۋىتىدە خىتايمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىرىگە چوڭ ئەھمىيەت بەرمەكتە.
خىتاينىڭ يېڭى سايلانغان رەھبەرلىكىمۇ بۇ سىياسەتنى يەنىمۇ داۋاملاشتۇرغان ھالدا، يېقىندا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنى قوبۇل قىلدى.
قازاقىستان رەھبىرىنىڭ خىتايغا قىلغان رەسمىي سەپىرى نېمىلەرنى كۆزلىدى ھەم بۇ سەپەر قانداق نەتىجىلەرگە ئېرىشتى؟
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتى يېنىدىكى قازاقىستان ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقاتلار ئىنستىتۇتى تاشقى سىياسەت تەتقىقاتلىرى بۆلۈمىنىڭ چوڭ ئىلمىي خادىمى رۇسلان ھېزىموف بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.