قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار شەھەر باشلىقى مەھمەت ئۈز ھاسىكىنىڭ قايتا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى
2014.04.25
قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە تەشكىلاتنىڭ باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزالىرىدىن بولۇپ 10 كىشىدىن تەركىپ تاپقان ھەيئەت 22 - ئاپرېل كۈنى قەيسەرى شەھەر باشلىقى مەمەت ئۆزھاسەكى ئەپەندى بىلەن قوجاسىنان رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقلىقىغا يېڭى سايلانغان ئىلياس يىلىدىرىمنى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلىپ تەبرىكلىدى.
30 - مارت كۈنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن شەھەر باشلىقى سايلىمىدا مەھمەت ئۆزھاسەكى ئەپەندى قەيسەرى شەھەر باشلىقلىقىغا قايتا سايلانغان، مۇستافا چەلىك قوجاسىنان رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقلىقىغا سايلانغان ئىدى.
ئۇيغۇرلارنى ئىشخانىسىدا قىزغىن كۈتىۋالغان قەيسەرى شەھەر باشلىقى مەمەت ئۆزھاسەكى ئەپەندى ئۇلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى، تايلاند ۋە مالايشىيا قاتارلىق جايلاردا قېيىن ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى. ھەيئەت ئەزالىرى بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
ئۇلار ئۇيغۇر مەھەللىسىمۇ باشقۇرۇش دائىرىسىدە بولغان قەيسەرى قوجاسىنان رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى مۇستافا چەلىك ئەپەندىگە قەيسەرىدە ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان مەھەللىنىڭ بەزى مەسىلىلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ، ئۇيغۇر مەھەللىسىنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى دېدى.
ئۇيغۇرلار ھەر ئىككى باشلىققا مەزكۇر تەبرىك زىيارىتىنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن كۆكبايراق ژۇرنىلى بىلەن ئۇيغۇر دوپپىسىنى سوغات قىلدى.
قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى تۈركىيە دۆلىتى 50 يىل بۇرۇن 150 ئۇيغۇر ئائىلىسىنى قەيسەرى شەھەرىگە جايلاشتۇرغاندا ئۇيغۇر مەھەللىسىنىڭ شەھەر سىرتىدا ئىكەنلىكىنى، 50 يىلدىن بېرى قەيسەرى شەھىرىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ بۇ مەھەللىنىڭ شەھەر ئوتتۇرىسىغا كېلىپ قالغانلىقىنى، يەر - زېمىننىڭمۇ بەكلا قىممەتلىشىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇيغۇر مەھەللىسىگە ئىگىز بىنالار چۈشسە ئۇيغۇرلار ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۆتۈرۈلسىمۇ، ئۇيغۇرلار تۈركلەر بىلەن ئارىلىشىپ ياشىغان تەقدىردە، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن بىر پىلان تۈزۈپ شەھەر باشلىقىغا بەرگەنلىكىنى، بۇ ھەقتىكى تەلەپلىرىنى شەھەر باشلىقىغا ئېيتقانلىقىنى دېدى. ئۇ يەنە، بۇ ھەقتە شەھەر باشلىقى بىلەن رايون باشلىقىنىڭ قولىدىن كەلگەن قولايلىقنى يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزاسى ئابدۇلقادىر ئەپەندى قەيسەرى شەھەر باشلىقىنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان كىشى ئىكەنلىكىنى، بۇندىن كېيىنمۇ ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىسى كامىل ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.