تتۈركىيەنىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنى قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر مەھەللىسىدە قىزغىن كۈتۈۋېلىپ مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەشتى.
تۈركىيەدە 8-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇمھۇر رەئىسى سايلىمىدا سابىق باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۆلەت رەئىسى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، 11-دۆلەت رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى. ئۇ، تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئۆز يۇرتى بولغان قەيسەرىگە زىيارەت ئېلىپ باردى. ئۇنى قەيسەرىدىكى پۈتۈن تۈرك خەلقىگە ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارمۇ قىزغىن كۈتۈۋالدى ۋە ئۇنىڭ دۆلەت رەئىسى مەزگىلىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىگە رەھمەت ئېيتىشتى.
ئابدۇللاھ گۈل تۈركىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەت ئېلىپ بارغان دۆلەت رەئىسى بولۇپ، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن ئۇيغۇر مەھەللىسىگە كېلىپ ئۇيغۇرلاردىن ھال سورىغان ۋە تۈركىيەنىڭ بۇرۇنقى ھۆكۈمىتى تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى مەنئى قىلىپ چىقارغان 36-نومۇرلۇق ھۆججەتنى بىكار قىلىش، ئۇيغۇرلارغا پۇقرالىق بېرىش دېگەندەك نۇرغۇن خىزمەتلەرنى قىلغان.
سابىق دۆلەت رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل دۆلەت رەئىسى مەزگىلىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىپ بەرگەن؟
بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.