رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ياپونىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
2015.01.23
باش شتابى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە فوندىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق ۋەكىللىرى 28 - يانۋاردىن باشلاپ ياپونىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدىكەن.
ۋەكىللەر ئۆمىكى بىر قىسىم ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى، ياپونىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ ۋەكىللىرى ئۇچرىشىپ بىر قاتار سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارىدىكەن.
دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە زىيارىتى جەريانىدا 2014 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەر ھەققىدە ياپونىيەدىكى غوللۇق سىياسىي تەشكىلات رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىكەن.
ئۇندىن باشقا يەنە رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئۇچرىشىپ، ياپونىيەدە بۇندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن.
دىققىتىڭلار، دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بىلەن بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان سۆھبەتتە بولغاي.