رابىيە قادىر خانىم ئوتتاۋا كارېلتون ئۇنىۋىرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلشەن ئابدۇقادىر
2014.03.07
rabiye-qadir-xanim-kanada-parlamintida-uyghur-mesilisidin-guwaliq-bermekte.jpg رابىيە قادىر خانىمنىڭ كانادا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا گۇۋالىق بەرمەكتە
RFA/Gulshen


دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ كانادا پارلامېنتى ۋە كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن كاناداغا قاراتقان 3 كۈنلۈك زىيارىتى كۈن تەرتىپىگە ئوتتاۋا كارېلتون ئۇنىۋىرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلەشمۇ كىرگۈزۈلگەن.

رابىيە خانىم كانادا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شۇ كۈنى كەچ سائەت 6 دىن 8 گە قەدەر كارېلتون ئۇنىۋىرسىتېتىغا بېرىپ بۇ ئۇنىۋىرسىتېتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا نۇتۇق سۆزلەپ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرىنىڭ قانداق بىر ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە دوكلات بەرگەن.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ نۇتقى بۇ ئۇنىۋىرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنتايىن قىزىقىشى ۋە ھېسداشلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرلار ھەققىدە رابىيە خانىمدىن كۆپلەپ سوئاللار سورىغان.

رابىيە قادىر خانىم تورونتودىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئەتىگەنلىك ناشتىدا بىللە بولدى
رابىيە قادىر خانىم تورونتودىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئەتىگەنلىك ناشتىدا بىللە بولدى

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوتتاۋا زىيارىتى، كۇنمىڭ ۋەقەسىگە توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن كۇنمىڭ ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك سوئاللارمۇ كۆپلەپ سورالغان. رابىيە قادىر خانىم تەتقىقاتچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا قايىل قىلارلىق جاۋاب بەرگەن.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.