دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم فىرانسىيەدە زىيارەتتە بولدى

0:00 / 0:00


29 - ئاپرېلدىن 30 - ئاپرېلغىچە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى فىرانسىيەدە زىيارەتتە بولدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم گېرمانىيەدىكى پائالىيەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ 29 - ئاپرېل فىرانسىيەگە يېتىپ كېلىپ،پارىژدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرك ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللاۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىلەن نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەر توغرىسىدا تەپسىلىي سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىمقى فىرانسىيە سەپىرىدە ئىيۇل ئېيىدا پارىژدا چاقىرىلىدىغان 5 - نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بەزى تەييارلىق خىزمەتلىرى توغرىسىدىمۇ ئۇچرىشىشلاردا بولغان.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن رابىيە قادىر خانىم بىلەن بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.