تايلاند كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى تۈركىيەگە ئەۋەتىشكە چاقىردى

0:00 / 0:00


تايلاند دۆلەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى تايلاندنىڭ مۇساپىرلار مەسىلىلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىغا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، تايلاند ھۆكۈمىتىنى نۆۋەتتە بانكوك تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىكى قېلىپ قالغان 58 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرىنى تۈركىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە چاقىرغان.

تايلاند دۆلەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ كومىسارى نىران پىتاكۋاچارا خانىم چارشەنبە كۈنى پىكىر قىلىپ، «بىز قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. لېكىن بىز شۇنى كۈچلۈك تەۋىسيە قىلىمىز، قېلىپ قالغان ئاخىرىقى 58 نەپەر كىشى، ھۆكۈمەتنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە تايلاندنىڭ يەنىلا كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم» دېگەن.

لېكىن تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ قېلىپ قالغان بۇ 58 نەپەر مۇساپىرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدىكى قارارى مەجھۇل. تايلاند دۆلەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ پىكىرى تايلاند دائىرىلىرىنىڭ قارارىغا قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

تايلاند كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى پىتاكۋاچارا خانىم، ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىق «بىزنىڭ ھۆكۈمەتكە بېرىدىغان كۈچلۈك پىكىرىمىز. بىراق تايلاند كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ھۆكۈمەتكە بۇيرۇق قىلالمايدۇ» دەپ ئەسكەرتكەن.

تايلاند ھۆكۈمىتى قېلىپ قالغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى ئېنىقلاپ، شۇنىڭغا قاراپ بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى رادىيومىزنىڭ مۇخبىرىغا تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوبۇل قىلىش نىيىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كۆچمەنلەر باشقارمىسىنىڭ ئەمەلدارى، تايلاند يول قويسا تۈركىيەنىڭ قېلىپ قالغان ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، «پوزىتسىيەمىزدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق. مىنىستىرلىقىمىزنىڭ تايلاند تەرەپ بىلەن بۇ مەسىلىدىكى ئالاقىسى داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ 3 - بىر دۆلەتكە ئەۋەتىلىشى كېرەكلىكى، توغرىسى مۇۋاپىق بىر دۆلەتكە ئەۋەتىلىشى ھەققىدە مىنىستىرلىقىمىز يەنى دۆلىتىمىزنىڭ پائالىيىتى داۋام قىلماقتا. ئىنشائاللا پات ئارىسىدا بىر نەتىجە چىقىدۇ.

لېكىن تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرىمىز يوق. ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەش باسقۇچىدا كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتىۋاتىدۇ. ھازىرچە يېڭى ئەھۋال يوق.

تۈرك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر ئەمەلدارى، تايلاند ماقۇل بولسا، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى دەرھال تۈركىيەگە ياندۇرۇپ كېلىش پىلانى بار - يوقلۇقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا، «قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلىش دۆلىتىمىزنىڭ ۋەزىپىسى» دېدى.

لېكىن تايلاند خىتاينىڭ قالغان مۇساپىرلارنى قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدىكى كۈچلۈك بېسىمىغا ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى چارشەنبە كۈنى مۇخبىرىمىزغا تايلاندنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۈپ بېرىشىگە قارشى ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تايلاندتىكى مۇساپىرلار ئۇلار تەلەپ قىلغان ھەم ئۇلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغان دۆلەتكە ئەۋەتىلىشى كېرەك.

ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئالاقە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى ئاندرېس نېدھام، «ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى بارلىق دۆلەتلەرنى ب د ت نىڭ مۇساپىرلىق سالاھىيىتىگە توشىدىغان ھەر كىشىنى ھەيدەپ چىقارماسلىق ياكى قايتۇرماسلىق پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشقا چاقىرىدۇ» دېدى.

ئاندرېس نېدھام بىلەن بىرگە، شۇ كۈنى يەنە، ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ تايلاند ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى ۋىۋىئان تەن، ئامېرىكا ئاخباراتىغا «بىز ھۆكۈمەتنى تايلاندتىكى كىشىلەرنى ئۇلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغان بىر دۆلەتكە يولغا سېلىشقا چاقىرىمىز» دېگەن.

لېكىن، ب د ت نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوغدىيالمىدى، دېگەن مەسىلە، نۆۋەتتىكى مۇنازىرىنىڭ تۈگۈنى بولۇپ قالدى. بەزى ئادۋوكاتلار تايلاند دائىرىلىرىنى تەنقىد قىلسا، تايلاند ھۆكۈمىتى مەسئۇلىيەتنى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ئارتقان.

كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تايلاند ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى لاگىرغا مەھكەم سولىۋېلىپ، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىشىنى چەكلىگەن. نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ مۇساپىرلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىشىگە توسقۇنلۇق قىلغان.

لېكىن تايلاند ھۆكۈمىتىدىكى بەزى ئەمەلدارلار چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئاخباراتىغا قىلغان سۆزىدە، مەسئۇلىيەتنى ئۇيغۇرلارغا ئارتىپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى تۈرك دەپ، خىتاي بىلەن ئالاقىسىنى رەت قىلىشى، ئۇلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىشىگە توسقۇنلۇق قىلدى. بۇ ئۇلارنى ب د ت نىڭ قوغدىشىغا ئېرىشىشتىن مەھرۇم قىلدى، دېگەن.