ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ياپونىيە جەمئىيىتىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار ياپونىيە جەمئىيىتىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ ئىسلام دىنىي بىلەن تېررورىزمنى بىر بىرىگە چېتىپ، كىشىلەردە ئىسلام دىنىغا، ئىسلام دۆلەتلىرىگە بولغان خاتا ئۇقۇمنىڭ پەيدا بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرىگەن ئىدى.
ئەمما ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ساھىبخانلىقىدا 2 - ئاينىڭ 13 - كۈنى توكيودا شەرقىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ پەلەستىننىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى باشلانغاندىن كېيىن ياپونىيىدىكى كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدى.
2 - ئاينىڭ 13 - كۈنى توكيودا باشلانغان ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ساھىپخانلىقىدىكى تۇنجى قېتىملىق شەرقىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ پەلەستىننىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئىككى كۈن غەلىبىلىك ئېچىلىپ يېپىلدى. يىغىنغا برۇنېي،ھىندونېزىيە،كورىيە،تايلاند،مالايشىيا، سىنگاپور،ۋېتنام، ئەرەب بىرلەشمىسى ۋە ئىسلام تەرەققىيات بانكىسى ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتناشتى.
2 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې يېتەكچىلىكىدىكى ياپونىيە ھۆكۈمىتى توكيودا ئوتتۇرا شەرقتىكى پەلەستىن ئالىي ھوقۇق كېڭىشىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نۇرغۇنلىغان تۈرلەر بويىچە پەلەستىنگە ياردەم بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدىلەشكەندىن كېيىن،بۇ خەۋەر 2 - ئاينىڭ 15 - كۈنى،يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ جۈمە نامىزى كۈنىدە مەتبۇئاتدا ئېلان قىلىندى. ياپونىيىدە ئولتۇراقلىشىپ ياشاۋاتقان كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئالىي جانابلىق ئىنسانىي ياردىمىدىن ئۆزلىرىنىڭ تولىمۇ مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىپادىلىمەكتە.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن توكيودىكى چوڭ مەسجىتلەردىن بىرى بولغان تۈركىيە مەدەنىيەت مەركىزىدىكى تۈرك مەسجىتىگە تېلېفون قىلىپ، جۈمە نامىزىدىن يانغان بىر قىسىم مۇسۇلمانلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ياپونىيىدە ياشاۋاتقان تۈركىيىلىك دوكتور رەفەت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:
ياپونىيىنىڭ پەلەستىنگە ياردەم بېرىشى تولىمۇ ياخشى بىر ئىش.ياپونلار بۇ ئارقىلىق پەلەستىندىكى نۇرغۇنلىغان ئاچ - يالىڭاچ بالىلارنى قۇتقۇزۇپ قالالايدۇ.بۇ ھەقىقەتەن ئىنسانىي بىر ياردەم دەپ ئويلايمەن.مەن شەخسەن بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىم بىلەن ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە ۋە خەلقىگە رەخمەت ئېيتىمەن.
ياپونىيىدىكى ساتسۇما ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان پاكىستانلىق دوكتور مۇھەممەد ئاۋزال بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە،خەلقىگە مىنەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن. يوقسۇل ئىنسانلارغا ياردەم بېرىش ھەر بىر ئىساننىڭ ئىنسانىي بۇرچى. ئىنسانىي ياردەم دىن،دۆلەت ۋە مىللەت ئايرىمايدۇ.
ئىلگىرى ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەلللەردە كۆپلىگەن تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان، ھازىر ياپونىيىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئاكتىپ قوللاپ قۇۋۋەتلەپ كېلىۋاتقان ياپونىيىلىك مۇسۇلمانلارنىڭ دوستى تەتقىقاتچى،نورىكو خانىم ئۆزىنىڭ تەسىراتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
شىنزو ئابې جانابلىرى باشچىلىقىدىكى بۇ قېتىمقى پەلەستىنگە ياردەم بېرىش سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى، ياپونلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان ئىنسانىي بۇرچى، ياپونلار ھەرگىز ئالجىرىيىدىكى تېررورىستلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن قېرىنداشلىرى سەۋەبىدىن ئىسلام دىنىغا، ئىسلام دۆلەتلىرىگە ھەرگىز باشقىچە كۆز قاراشتا بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن.
0:00 / 0:00