توكيو شەھەر باشلىقى ئىسلام ئەللىرى ۋە تۈركىيە ھەققىدە قىلغان تەنقىدىي سۆزى ئۈچۈن ئەپۇ سورىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلۇق
2013.04.30
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
tokyo-sheher-bashliqi-inose-305.png توكيونىڭ شەھەر باشلىقى ئىنوسې نائۇكې
Public Domain

ياپونىيىدە چىقىدىغان نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن بىرى بولغان«ئاساھى شىنبۇن» گېزىتىنىڭ 30 - ئاپرېلدىكى سانىدا «ئىنوسې ئىسلام دۆلەتلىرىدە ھەمىشە ئۆز - ئارا ئۇرۇش، جېدەل بولۇپ تۇرىدۇ - دەپ ئويلايدۇ» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر ماقالىدە مۇنداق بايان قىلىنغان:

27 - ئاپرېل «نېۋ يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، توكيونىڭ شەھەر باشلىقى ئىنوسې نائۇكې 2020 - يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، مۇخبىرلاردىن ئۆزى «توكيو بىلەن ئىستانبۇل، مادرىد شەھەرلەرنى سېلىشتۇرغاندا سىلەرچە ئولىمپىك تەنھەرىكەتچىلىرىگە قايسى شەھەر ئەڭ ياخشى؟ ئەلۋەتتە، توكيو. توكيونىڭ ئاساسىي ۋە سېستىمىلىرى ياخشى» دەپ سوئال سوراپ ئۆزى جاۋاب بەرگەن. ئۇ يەنە قوشۇمچە قىلىپ «مۇسۇلمان ئەللىرى ئالا - دېگىنى بىلەن دائىم ئۆز - ئارا ئۇرۇش، جېدەل قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ جەمئىيىتى تەبىقىلەرگە بۆلۈنگەن» دېگەن. ئىنوسېنىڭ سۆزىدىن كېيىن «نېۋ يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرلىرى: «سىزىنىڭ بۇنداق دېيىشىڭىزدىكى مەقسىتىڭىز نېمە؟» - دەپ سورىغاندا، ئىنوسې: «ئىستانبۇل ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشكە تاللانسا ئەلۋەتتە بۇ ئىسلام دۆلەتلىرىگە تۇنجى قېتىم ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش پۇرسىتى بېرىلگەن بولىدۇ. لېكىن ئىسلام دۆلەتلىرىگە ئولىمپىكنى تۇنجى ئۆتكۈزۈشنى بېرىش شەرت ئەمەس» دېگەن. ئۇنىڭ بۇ سۆزىدىن كېيىن خەلقارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت كومىتېتى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئىنوسې خەلقارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت كومىتېتىنىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشكە نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن شەھەرلەر ئۆز - ئارا بىر - بىرىنى تەنقىد قىلماسلىق كېرەك - دېگەن، نىزامنامىسىگە خىلاپلىق قىلدى - دەپ تەنقىدلەنگەن.

توكيو شەھەر باشلىقى ئىنوسې ئىسلام دۇنياسىغا ۋە تۈركىيىگە قىلغان كەمسىتىش سۆزىدىن تېنىۋېلىپ، بۇ سوئال سورىغۇچىلارنىڭ ۋە تەرجىماننىڭ خاتالىقى دەپ تۇرىۋالغان بولسىمۇ، بىراق «نېۋ يورك تايمېس» گېزىتى دەرھال ئىنكاس بىلدۈرۈپ، «ئىنوسېنىڭ سۆزىگە بىز كاپالەتلىك قىلالايمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن.

ياپونىيىدىكى تور بەتلىرىدىن «جاپان دەيلي پرېسس» نىڭ 29 - ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئىنوسې «نېۋ يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تۈركلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمۈر كۆرۈش يېشىنىڭ ياپونلاردىن تۆۋەنلىكى، ياپونىيە مەدەنىيىتىنىڭ يۇقىرى مەدەنىيەت ئىكەنلىكىنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئالغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

توكيو شەھەر باشلىقىنىڭ ئىسلام ئەللىرى ۋە تۈركىيە ھەققىدە قىلغان سۆزى توغرىسىدا توختالغان ياپونىيىلىك كانا خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

توكيو شەھەر باشلىقى ئىنوسېنىڭ سۆزلىرى ناھايىتى كىشىنى خىجالەت قىلىدىغان سۆزلەر. مەن ئۇنىڭ سۆزى ئۈچۈن مۇسۇلمانلاردىن، تۈركلەردىن ئەپۇ سورايمەن. ئىستانبۇلدىن ئىبارەت مۇسۇلمان دۆلىتىدىكى بۇ شەھەرنىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشكە تاللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

تۈركىيىدىكى Milliyet.com تور بېتىنىڭ 28 - ئاپرېلدىكى سانى ئېلان قىلىنغان «مۇسۇلمان ئەللىرىدە ئولىمپىك ياخشى ئۆتكۈزۈلمەيدۇ» دېگەن سەرلەۋھىلىك ماقالىدە توكيو شەھەر باشلىقى ئىنوسېنىڭ تۈركىيىگە ۋە ئىسلام ئەللىرىگە قىلغان ئەيىبلىشى توغرىسىدا تەپسىلى توختلىنغان. ياپونىيىدىكى تۈركىيىلىك زات رەفەت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:

توكيو شەھەر باشلىقى مەسمۇ ۋە ياكى... بىلمىدىم. سۆزلىرى پەقەتلا گۆدەكلەرچە قىلىنغان سۆز. ئەمما ئۇنىڭ سۆزلىرى ياپونلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ ئويلىمايمەن.

ياپونىيىدىكى «ماينىچى شىنبۇن» گېزىتىنىڭ 30 - ئاپرېلدىكى كەچلىك تور بېتى خەۋىرىدە «شەھەر باشلىقى ئىنوسې ئىسلام دۇنياسىغا بولغان خاتا چۈشەنچىسى توغرىسىدا ئەپۇ سورىدى» دېيىلگەن.

ياپونىيىدىكى تور بەتلىرىنىڭ خەۋىرىدە بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 11 دىن بىر مىنۇت ئۆتكەندە توكيونىڭ شەھەر باشلىقى ئىنوسې ئىشخانىسىدا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ قائىدىلىرىگە خىلاپ ھالدا سۆز قىلغانلىقىنى، ئىسلام ئەللىرىگە ۋە تۈركىيىگە قىلغان كەمسىتىش سۆزلىرى ئۈچۈن ئەپۇ سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە تۈركىيىگە زىيارەت قىلىش ھارپىسىدا توكيو شەھەر باشلىقى ئىنوسېنىڭ ئىسلام ئەللىرى ۋە تۈركىيە ھەققىدە قىلغان بۇ سۆزى ياپونىيىدىكى بىر قىسىم ياپونلارنى ئەندىشىگە سالدى. ئۇلار، مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ ياپونىيىگە بولغان خاتا قاراشلىرىنىڭ شەكىللىنىپ قىلىشىدىن ئەنسىرىمەكتە.

ياپونىيىدىكى تور بەتلىرىدە بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇنازىرىلەر توغرىسىدا ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئۇچۇر بەردى ھەم ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.