تۈرك پارلامېنت ئەزاسى: «ئۇيغۇرلارغا ماددى ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ياردەم بېرىمىز»
2013.07.26

24 - ئىيۇل كۈنى مەركىزى قەيسەرىدە تۇرۇشلۇق شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىگە كېلىپ، ئۇيغۇرلاردىن ھال سوراپ، ۋەتەندىن قېچىپ كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن ئەھۋال ئىگىلىگەن پارلامېنت ئەزاسى پەلىن گۈنەش باقىر خانىم، ئۇيغۇرلارغا ماددى ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېغىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. پارلامېنت ئەزاسى قەيسەرى ئۇيغۇر مەھەللىسىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا رەھىمسىزلىك بىلەن بېسىم ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇ ھەقتە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەپسىلىي دوكلات تەييارلىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى پەلىن گۈندەش باقىر خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. 24 - ئىيۇل كۈنى ئاقشام سائەت 8 - 10 - گىچە داۋاملاشقان بۇ زىيارەت جەريانىدا پارلامېنت ئەزاسى پەلىن گۈنەش باقىر خانىم، ئۇيغۇر دىيارىدىن تۈركىيەگە كېلىپ مۇساپىر تۇرمۇشى ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەنمۇ سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلىدى. بۇ زىيارەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ پارلامېنت ئەزاسى پەلىن خانىمدىن سوئال سورىدۇق.
- سىز بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى زىيارەت قىلدىڭىز، سىز ھاكىمىيەت بېشىدىكى بىر پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمەلەرنى قىلماقچى، - دېگەن سۇئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاپ بەردى:
- بىز ئۇيغۇرلارغا ماددى ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ياردەم بېرىمىز. قەيسەرىدە كۆپ ساندا شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلار بار. بۇ ئۇيغۇرلار تۈركىيەدە مال - مۈلك ئىگىسى بولۇپتۇ. تۈركىيە بۇلارغا ئىگە چىقىپتۇ. ئىگە چىقىشنى داۋام قىلىدۇ.
- سىز پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيە پارلامېنتىدە كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلەمسىز ؟ - دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
- ئەلۋەتتە ئېلىپ كېلىمەن. خىتايدىن كەلگەن ئۇيغۇر ئائىلىلەر بار، بىردەمدىن كېيىن ئۇلار بىلەنمۇ ئۇچرىشىمەن. مەن ياۋرۇپا پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىكىدىمۇ ۋەزىپە ئۆتەۋاتىمەن. ياۋرۇپا پارلامەنتىدىكى يىغىنلاردىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىمەن.