12-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى يېزا ئىگىلىك يەرمەنكىسىدە ئۇيغۇرلار تونۇتۇلماقتا

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.03.10
turkiye-turk-dunyasi-yeza-igilik-yermenkisi-2017.jpg 12-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى يېزا ئىگىلىك يەرمەنكىسىگە قاتناشقان ئۇيغۇرلار
RFA/Erkin Tarim


تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان قەيسەرى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 12-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى تونۇتۇلماقتا.

قەيسەرى ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك ئىدارىسى بىلەن ئەتلەس يەرمەنكە شىركىتى ئورتاق ئۇيۇشتۇرغان بۇ يەرمەنكىگە قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە قاتارلىق 14 دۆلەتتىن 1900 يېزا ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىق شىركىتى بۆلۈم ئېچىپ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تونۇتماقتا. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مەخسۇس بۆلۈم ئېچىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇتقاندىن سىرت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىم ۋە لوزۇنكىلارنى ئېسىپ تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا نەشر قىلىنغان كىتاب-ژۇرناللارنى قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىنى تونۇتماقتا. بۇلاردىن باشقا، يەرمەنكە مەيدانىغا تونۇر سېلىپ، ئۇيغۇر نانلىرىنى سېتىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇتۇلماقتا. قەيسەرى ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىق ئىدارىسى مۇدىرى ئۆزكان ئەپەندى بەرگەن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 3-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈرك دۇنياسى يېزا ئىگىلىك يەرمەنكىسىنى 12 يىلدىن بېرى ئۆتكۈزۈۋاتقان بولۇپ، كېيىنكى ئۈچ يىلدا پەقەتلا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ شىركەت ۋە جەمئىيەتلىرى قاتنىشىۋاتماقتا. يەرمەنكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۇيغۇر بۆلۈمىدە ئېچىلىۋېتىپتۇ. بىز يەرمەنكە توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن بۇ يەرمەنكىنى ئۇيۇشتۇرغان قەيسەرى ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك ئىدارىسى مەسۇلى ئۆزقان قاياجان ئەپەندى، ئەتلەس يەرمەنكىچىلىك شىركىتى مەسئۇلى ۋە بۇ يەرمەنكىگە قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
12-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى يېزا ئىگىلىك يەرمەنكىسى
ئۆزقان قاياجان ئەپەندى تۈرك دۇنياسى يېزا ئىگىلىك يەرمەنكىسى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز 12-قېتىملىق يېزا ئىگىلىك يەرمەنكىسىنى ئۆتكۈزىۋاتىمىز. كېيىنكى 3 يىلدىن بېرى تۈرك دۇنياسى قېرىنداش مىللەتلەر يېزا ئىگىلىك يەرمەنكىسى دەپ ئىسمىنى ئۆزگەرتتۇق. پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەردىن قېرىنداشلىرىمىز كەلدى، قەيسەرىدە مېھمان قىلىۋاتىمىز. بۇ يەرمەنكىنى ئېچىشتىكى مەقسىتىمىز بارلىق قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ يېزا ئىگىلىكتىكى يېڭىلىقلىرىنى پۈتۈن دۇنياغا كۆرسىتىش. تۈركىي مىللەتلەرنىڭ يېزا-ئىگىلىك ۋە مەدەنىيەتلىرىنى تۈرك خەلقىگە كۆرسىتىش، ئۆز-ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت.»

ئۆزقان قاياجان ئەپەندى تۈرك دۇنياسى يېزا ئىگىلىك يەرمەنكىسىدە ئۇيغۇرلارغا مەخسۇس بۆلۈم ئېچىپ ئورۇن بېرىۋاتقانلىقىنى، ئېچىلىش مۇراسىمىدا رەھبەرلەرنىڭ بىرىنچى بولۇپ ئۇيغۇر بۆلۈمىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ھەر يىلى ئۇيغۇر بۆلۈمى ئېچىۋاتىمىز. ئېچىلىش مۇراسىمىغا كەلگەنلەرگە ئۇيغۇر بۆلۈمىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇرۇۋاتىمىز. يەرمەنكىدە ئۇيغۇر تاماقلىرىنىڭ ھەممىنى قىلىپ، كەلگەنلەرگە تەمىنى تاتقۇزىۋاتىمىز. مۇشۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنى تونۇتىۋاتىمىز. مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىزىقىشىمۇ بەكلا يۇقىرى، تۈنۈگۈن گېرمانىيەدە تارقىتىلىۋاتقان بىر تېلېۋىزىيە نەق مەيداندىن ئۇيغۇر بۆلۈمىنى تونۇشتۇردى.

بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى ئابدۇلقادىر تۈمتۈرك ئەپەندى 12-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى يېزا ئىگىلىك يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىش سۆزىنى قەيسەرى ۋالىسى سۇلايمان قامچا ئەپەندىنىڭ قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى تونۇتىدىغان چوڭ بىر زال يەنى بۆلۈم بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
12-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى يېزا ئىگىلىك يەرمەنكىسى
يەرمەنكىدە ئۇيغۇر نېنىنى يېقىپ سېتىۋاتقان ئېلى ناۋاي يەرمەنكىگە كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر نېنىنى ياخشى كۆرۈپ ئېلىۋاتقانلىقىنى، تۈرك نېنى بىلەن ئۇيغۇر نېنىنىڭ پەرقىنى بايان قىلدى.

ئابدۇلقادىر تۈمتۈرك ئەپەندى بۇ پائالىيەتتە يۈز مىڭلىغان كىشىگە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش پۇرسىتى بارلىقىنى، ناھايىتى پائالىيەت ئۈنۈملۈك بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

خەلقئارالىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى 12 يىلدىن بېرى ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە بولۇپ، ئۇيغۇرلار 10 قېتىم مەخسۇس بۆلۈم ئېچىپ قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋە بۈگۈنكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرغان.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.