تۈركىيەنىڭ ئىسپارتا ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن شائىرلار ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇر شائىر ۋە يازغۇچىلارنىڭ ۋەزىيىتى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ئاڭلىتىلدى.
بۇ پائالىيەتكە ئوتتۇرا ئاسيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، كافكازىيە دۆلەتلىرى، بالقان دۆلەتلىرىدىن كەلگەن 25 ئەتراپىدا شائىر قاتناشقان. تۈركىيەدە تونۇلغان ئۇيغۇر شائىرى نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىممۇ بۇ پائالىيەتكە ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە قاتناشقان بولۇپ، ئۇ، ئۇچرىشىشتا ئۆزى يازغان شېئىرلىرىنى دىكلاماتسىيە قىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن. ئۇنىڭ دوكلاتى يىغىن ئەھلىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان.
بۇ ھەقتە، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ سابىق باشلىقى ھامىد كۆكتۇرك ۋە شائىرە نۇرئەلا كۆكتۈركلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.
0:00 / 0:00