تۈركىيەنىڭ تەرەققىياتىدا ۋە سىياسەت تارىخىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە، ئۇستا سىياسىيون، دۆلەت ئەربابى سۇلايمان دەمىرەل 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى يېرىم كېچىدە ۋاپات بولدى. ئۇ، 50 يىللىق سىياسىي ھاياتىدا تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور خىزمەتلەرنى قىلغان مۇھىم رەھبەر.
ئۇنداقتا سۇلايمان دەمىرەل كىم؟ ئۇ، 1924 - يىلى 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىسپارتا ۋىلايىتىنىڭ ئىسلامكۆي يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. 1949 - يىلى ئىستانبۇل تېخنىكا ئۈنىۋېرسىتېتى سۇ ئىشلىرى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ئامېرىكا قوشقا شىتاتلىرىدا ماگىستىر ئوقۇغان. 1962 - يىلى سىياسەتكە كىرگەن سۇلايمان دەمىرەل 1964 - يىلى 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئادالەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغان، 1965 - يىلى مەزكۇر پارتىيە ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن. سۇلايمان دەمىرەل تۈركىيەنىڭ باش مىنىستىرى بولغان. 1980 - يىلىدىكى ھەربىي ئۆزگىرىشتە سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىشى 7 يىل چەكلەنگەن سۇلايمان دەمىرەل 1987 - يىلىدىكى سايلامدا يەنە قايتا پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 40 ياشتا تۈركىيەنىڭ باش مىنىستىرى بولغان سۇلايمان دەمىرەل، 50 يىللىق سىياسەت ھاياتىدا 7 قېتىم ھۆكۈمەت قۇرۇپ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 1993 - يىلىدىن 2000 - يىلىغىچە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى. تۈركىيەنىڭ 9 - رەئىس جۇمھۇرى سۇلايمان دەمىرەل تۇنجى قېتىم باش مىنىستىر بولغان ۋاقتىدا، ئافغانىستان ئارقىلىق 350 ئەتراپىدا ئۇيغۇرنى تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىگە ئېلىپ كېلىپ ئورۇنلاشتۇرغان.
شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ سابىق باش كاتىپى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى. ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، سۇلايمان دەمىرەلنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ لىدىرى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتىكىن بىلەن كۆڭلى يېقىن بولۇپ، ئۇ داۋاملىق ھالدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىلىق مەلۇمات ئېلىپ تۇرغان ئىكەن.
تۈركىيەنىڭ 9 - رەئىس جۇمھۇرى سۇلايمان دەمىرەل سوۋەت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا زور ئەھمىيەت بەرگەن، ئالبانىيەدىن سەددىچىنگىچە تۈرك زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان رەھبەرلەردىن بىرى.
سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بۇ ھەقتە ھېس قىلغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
سۇلايمان دەمىرەل 2000 - يىلى خىتاينىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى جياڭ زېمىنغا دۆلەت مېدالى بېرىپ، تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى. سۇلايمان دەمىرەلنىڭ مىيىتى ئۆز يۇرتى ئىسپارتىدا ئائىلە مازارلىقىغا دەپن قىلىنماقچى. ياتقان يېرى جەننەت بولسۇن.
0:00 / 0:00