تۈركىيەدە تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى پائالىيەتلەر داۋاملاشماقتا

0:00 / 0:00


تۈركىيەدىكى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار تايلاندتىكى 300 ئۇيغۇرنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىشنى تەلەپ قىلىپ، ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئويۇشتۇرماقتا. 12 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تۈركىيە دوغان خەۋەر ئاگېنتلىقى تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 300 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قارار قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئىلان قىلغاندىن كېيىن، تۈركىيەدىكى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلىرىدە ئارقا - ئارقىدىن نامايىش، مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش ۋە قول قويۇش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈپ، تۈرك ھۆكۈمىتىنى تايلاندتىكى 300 ئۇيغۇرنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىشكە چاقىرماقتا.

ئۇ، ئالدى بىلەن بۈگۈنكى يىغىلىشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:

- تايلاندتىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىنى قوللايدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۈگۈن بۇ يەرگە جەم بولدۇق. خىتاينىڭ بېسىمىدىن قېچىپ تايلاندغا كەلگەن 300 ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالى كۈنسايىن ناچارلاشماقتا. ئۇيغۇرلار بىر تەرەپتىن كېسەللىك ۋە ماددىي قېيىنچىلىقلارغا دۇچار بولۇۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى ئاستىدا تۇرماقتا. بىز چانقىرى قاراتەكىن ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى ئوقۇغۇچىلار ئويۇشمىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ 300 ئۇيغۇرنىڭ تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىشنى تەلەپ قىلىپ قول قويۇش دولقۇنى قوزغىغان ئىدۇق. بۇ دولقۇنغا خەلقىمىز ئاكتىپچانلىق بىلەن قاتناشماقتا، قول قويغانلارنىڭ سانى ۋىلايىتىمىزدە ئون مىڭلارغا، تۈركىيە بويىچە يۈز مىڭلارغا يەتتى.

قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار 27 - دېكابىر كۈنى تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان چورۇم ۋىلايىتىنىڭ چورۇم شەھىرىدە تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئويۇشتۇرۇشى بىلەن «300 ئۇيغۇر تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنسۇن» ماۋزۇلۇق ئىمزا يىغىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتكە تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى چورۇم شۆبىسىنىڭ باشلىقى ياۋۇز ئۈنلۈ ۋە باشقا ئاممىۋىي تەشكىلات، سىياسىي پارتىيەنىڭ رايون مەسئۇللىرى ۋە خەلقتىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئاۋاز قوشقان.

بۇ پائالىيەتنىڭ ئويۇشتۇرغان ياۋۇز ئۈنلۈ ئەپەندى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى قوللاپ قۇۋەتلەيدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئويۇشتۇرغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

- بىز ئۆتكەن ھەپتە شەنبە كۈنى بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزدۇق. بىز تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى قوللاپ قۇۋەتلەيدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزدۇق. ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش بىزنىڭ ھەم مىللىي ۋە دىنىي بۇرچىمىز. ۋىلايىتىمىزدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تازا ياخشى بىلىنىپ كەتمىسىمۇ، شەنبە كۈنىدىكى پائالىيىتىمىزگە نۇرغۇن كىشى ئاۋاز قوشۇپ قول قويدى.

26 - دېكابىر كۈنى تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان چورۇم شەھىرى تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى «تايلاندتىكى 300 ئۇيغۇر تۈركىيە ئېلىپ كېلىنسۇن» تېمىسىدا خەلقتىن ئىمزا يىغىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى بولسا تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان چانقىرى ۋىلايىتىدىكى قارا تەكىن ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتى ئوقۇغۇچىلار ئويۇشمىسى شەھەر مەركىزىدىكى چوڭ مەيداندا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. مەزكۇر پائالىيەتكە چانقىرى قاراتەكىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرى، ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى، بەزى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ مەسئۇللىرى ۋە مۇخبىرلاردىن بولۇپ 300 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. پائالىيەتنى ئويۇشتۇرغان ئوقۇغۇچىلار ئويۇشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرى قوللىرىدا ئاييۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە ھەر خىل لۇزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا مەيداندا تۇرۇشتى. بېشىغا كۆك رەڭلىك رومال سالغان ئوقۇغۇچىلار ئويۇشمىسىنىڭ رەئىسى دىلارا چاغلار خانىم مۇخبىرلارغا بايانات بەردى.

دىلارا چاغلار خانىم تايلانددىكى 300 ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرىۋېتىلىپ قالسا، بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ تۇرغانلار بۇ جىنايەتنىڭ جاۋاپكارى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

كېيىنكى كۈنلەردە تۈركىيەدىكى بەزى گېزىتلاردا، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكلىرى ئېنىقلىنىپ، خىتايغا قايتۇرۇلىدىغانلىقى قارار قىلىنغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر ئىلان قىلىنماقتا. خىتاينىڭ بۇ قىلغانلىرىغا قارىتا ئۈنىنى چىقارماي، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلىشىغا قاراپ تۇرغان كىشىلەر بولسا، بۇ جىنايەتتىن جاۋابكار بولىدۇ. بىز چانقىرى قاراتېكىن ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى ئوقۇغۇچىلار ئويۇشمىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ تايلاندتىكى 300 ئۇيغۇرنى بالدۇرراق تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.

ھازىر تايلاندتا تۇرۇۋاتقان 300 ئۇيغۇرنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىش مەسىلىسى تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ مەسىلىلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى. تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىدە شۆبىسى بار، تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان ئۈلكۈ ئوجاقلىرى مائارىپ ۋە ھەمكارلىق فوندى بىر ئاي بۇرۇن تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن جامائەت پىكرى توپلاش ئۈچۈن قول قويۇش پائالىيىتى باشلاتقان ئىدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئارقىلىق تۈرك خەلقى ئارىسىدا 300 ئۇيغۇرنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن جامائەت پىكرى پەيدا قىلىنىپ، تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىدە بولسا ھۆكۈمەتكە بېسىم پەيدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ رەسمىيىتى تېزلىشىدىكەن. ئۈلكۈ ئوجاقلىرى مائارىپ ۋە ھەمكارلىق فوندى رەئىسى ئولجاي كىلاۋۇز ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پائالىيەت ھازىرغىچە 45 ۋىلايەتكە يېيىلغان بولۇپ، يۈز مىڭلىغان كىشى قەغەزگە قول قويغان، بۇ پائالىيەتكە 5 - 6 مىليون كىشىنىڭ ئاۋاز قوشىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.