تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «ئۈرۈمچىدىكى تۈزۈم بىز قوبۇل قىلالايدىغان تۈزۈم ئەمەس»
2013.05.20
تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 17-ماي كۈنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى مايفلوۋېر مېھمانخانىسىدىكى دوكلات بېرىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، ئۈرۈمچىدىكى تۈزۈمنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 3 كۈنلۈك ۋاشىنگتون زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى. بۇ زىيارىتى جەريانىدا تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغاندىن باشقا دۇنيانىڭ كۈن تەرتىپىدىكى سۈرىيە، ئىراق ۋە پەلەستىن مەسىلىسىگە ئوخشاش بىر يۈرۈش مەسىلىلەر ھەققىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.
17-ماي كۈنى كەچتە تۈركىيە «سەتا» ۋەخپى ئۇيۇشتۇرغان دوكلات بېرىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سوئال -جاۋاب قىسمىغا ئۆتكەندە، بىر مۇخبىرنىڭ «ئۈرۈمچىگە بېرىپ كەلدىڭىز، ئۇ يەردىكى ۋەزىيەتكە قانداق قارايسىز؟» دېگەن سوئالىغا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇنداق جاۋاب بەردى:
«ئۈرۈمچىدىكى ۋەزىيەتتە ياخشىلىنىش بار. خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىرى بىلەن بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆزلىشىمىز. ئۈرۈمچىدىكى تۈزۈم بىز قوبۇل قىلالايدىغان بىر تۈزۈم ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى، دېموكراتىيە جەھەتتىن ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىدە ئىجابىي ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ، يەنى، خىتاي مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ. ئەمما مەن سۆھبەت يولى ئارقىلىق ئۈرۈمچىدە يېڭى بىر ۋەزىيەتنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»
تۈركىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى بۈلەنت ئەجەۋىت 2002-يىلى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان ئىدى. 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى.
ھاجى تەپپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئېيتىشىچە دۇنيانىڭ سىياسەت مەركىزى بولغان ۋاشىنگتوندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۈن تەرتىپكە كېلىشى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
باش مىنىستىر باياناتىدا نېمە ئۈچۈن ئۈرۈمچى سۆزىنى ئىشلەتتى؟ تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغاننىڭ بۇ باياناتىنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى در. ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.