تۈركىيەدىكى 10 چوڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنىڭ زۇلۇمغا ئايلانغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى تۈركىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم مەخسۇس ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پۈتۈن ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرى قاتناشقان مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىغىنغا قاتناشقان ئاممىۋىي تەشكىلاتلار تۈركىيەنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىگە زور تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان تەشكىلاتلار.
8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تۈركىيە ھۈنەرۋەن - كاسسىپلار كونفېدىراتسىيەسى (TESK)، تۈركىيە سودا - سانائەت ۋە پاي - چېكى بازارلىرى بىرلىكى (TOBB)، تۈركىيە ئەمگەكچىلەر ئويۇشمىسى كونفېدىراتسىيەسى (TİSK)، ئىشچى ھۇقۇقلىرى ئويۇشمىسى، كادىرلار ئويۇشمىسى، تۈركىيە يېزا - ئىگىلىك باشقارمىلىرى بىرلىكى، مۇستەقىل سودا - سانائەتچىلەر جەمئىيىتى، تۈركىيە ئېكىسپورتچىلار مەجلىسى ۋە تۈرك ئىشچىلار ئويۇشمىسى مەسئۇللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ئورتاق بايانات ئىلان قىلدى. بۇ بايانات بېرىش يىغىنىغا كۆپ ساندا مۇخبىرلار قاتناشتى.
تۈركىيە سودا - سانائەت ۋە پاي - چېكى بازارلىرى بىرلىكىنىڭ 14 قەۋەتلىك بىناسىدىكى يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا ئورتاق بايانات بەرگەن 10 چوڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتنىڭ باشلىقلىرى سەھنىدىن ئورۇن ئالدى. بۇ 10 ئاممىۋىي تەشكىلاتقا ۋاكالىتەن تۈركىيە ھۈنەرۋەن - كاسسىپلار كونفېدىراتسىيەسى رەئىسى پالاندۆكەن ئەپەندى مەتبۇئات باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇ، باياناتىدا، 20 مىليوندىن كۆپ مۇسۇلمان ئۇيغۇر ياشايدىغان شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى، قېرىنداش ئۇيغۇر خەلقىنىڭ چىدىغۇسىز زۇلۇمغا دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئۇ باياناتىدا يەنە، رامىزان ئېيىنىڭ تۇنجى كۈنى باشلانغان ۋەقەلەرنىڭ ئۇزۇنغىچە داۋام قىلغانلىقىنى، خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئونلىغان كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، مىڭلىغان كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنىڭ زۇلۇمغا ئايلانغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيەدىكى مىليونلىغان كىشىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىرلىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈركىيە، خىتاي مۇناسىۋىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، لېكىن ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ناھەقچىلىككە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ سىياسەتلەرگە سۈكۈت قىلىپ تۇرمايدىغانلىقىنى، خىتاينى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ چېكىۋاتقان دەرت - ئەلەملىرىنى ياۋرۇپادىكى ئاممىۋىي تەشكىلاتلارغىمۇ ئاڭلىتىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
مەزكۇر مەتبۇئات يىغىنى تۈركىيە تارىخىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەخسۇس ئېلىپ بېرىلغان خىتاي بىلەن تىجارەت قىلىۋاتقان كارخانىچىلار ئەزا بولغان پۈتۈن ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىمۇ قاتناشقان يىغىن بولۇپ، يىغىنغا تۈركىيە ھۈنەرۋەن - كاسسىپلار كونفېدىراتسىيەسى باشلىقى بەندەۋى پالاندۆكەن،، تۈركىيە سودا - سانائەت ۋە پاي - چېكى بازارلىرى بىرلىكى باشلىقى رىفات ھىسارجىكئوغلۇ، تۈركىيە ئەمگەكچىلەر ئويۇشمىسى كونفېدىراتسىيەسى باشلىقى ئەرول كىرەسەپى، ئىشچى ھۇقۇقلىرى ئويۇشمىسى مەسئۇلى ماھمۇت ئاسلان، تۈركىيە كادىرلار ئويۇشمىسى باشلىقى ئىسمايىل قونجۇق، كادىرلار ئويۇشمىسى باشلىقى ئەخمەت گۈندوغدۇ، تۈركىيە يېزا - ئىگىلىك باشقارمىلىرى بىرلىكى ۋەكىلى ھەسەن ھۈسەيىن جوشقۇن، مۇستەقىل سودا - سانائەتچىلەر جەمئىيىتى باشلىقى ئانىل ئۇلپاك ئەپەندى، تۈركىيە ئېكىسپورتچىلار مەجلىسى مۇدۇرى مەمەت بۈيۈكشەكشى ۋە تۈرك ئىشچىلار ئويۇشمىسى مەسئۇلى ئەرگۈن ئاتالاي ۋە د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىلەر قاتناشتى.