دېموكراتىيەلىك تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەتلەردە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىنى بەلگىلەشتە ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ رولى ناھايىتى زور. د ئۇ ق ۋەكىللىرى 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان كادىرلار ئويۇشمىسى بىلەن خىتايغا قارشى ئورتاق پائالىيەت ئېلىپ بېرىش توختامنامىسى تۈزدى.
توختامنامىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى تۈركىيەدە ۋە دۇنيادا پاش قىلىش، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەدىكى تەسىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تۈركىيەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى توسۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئورتاق پائالىيەت ئېلىپ بېرىش كۆرسىتىلگەن. 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى توختامنامە تۈزۈشتىن بۇرۇن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى تۈركىيە كادىرلار ئويۇشمىسىنىڭ 20 كىشىدىن تەركىپ تاپقان باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزالىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن. ئىككى سائەت داۋاملاشقان بۇ ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك پائالىيەت پىلانى تۈزۈپ چىقىلغان.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلارنى مۇخبىرىمىزنىڭ سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدىن ئاڭلايسىلەر.