تۈركىيە قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار تېررورغا لەنەت ئوقۇدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016.12.20
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
turkiye-terror-lenet-2.jpg تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار قوللىرىدا بايراق كۆتۈرگەن ھالدا تېررورلۇق ھۇجۇم يۈز بەرگەن مەيدانغا بېرىپ تېررورغا لەنەت ئوقۇدى. 2016-يىلى 19-دېكابىر.
RFA/Erkin Tarim

12-ئاينىڭ 19-كۈنى تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى ئەمرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇرلار قوللىرىدا بايراق كۆتۈرگەن ھالدا تېررورلۇق ھۇجۇم يۈز بەرگەن مەيدانغا بېرىپ تېررورغا لەنەت ئوقۇدى.

يېقىندىن بېرى، تۈركىيەدە تېررور ۋەقەسى كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىستانبۇلنىڭ بېشىكتاش رايونىدىكى پۇتبول سارىيىنىڭ ئەتراپىدا ئىككى يەردە ساقچىلارغا ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى پارتلىتىش ھۇجۇمىدا 36 ساقچى، 8 پۇقرا بولۇپ جەمئىي 44 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى. ئارقىدىن 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەتىگەن ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان قەيسەرى ۋىلايىتىدىكى ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالدىدا تۈركىيە ئارمىيەسىگە تېررورلۇق ھۇجۇم ئېلىپ بېرىلىپ 13 ھەربىي شېھىت بولدى، كۆپ ساندا پۇقرا يارىدار بولدى. 12-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچقۇرۇن رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كارلوس رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا 22 ياشتىكى بىر تېررورچىنىڭ ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

تۈركىيەدە كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقان بۇ خىل تېررورلۇق ھۇجۇمغا لەنەت ئوقۇش ئۈچۈن ۋە ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغان شېھىتلەرنى خاتىرىلەش ئۈچۈن كىشىلەر ۋەقە يۈز بەرگەن يەرلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. 12-ئاينىڭ 19-كۈنى قەيسەرىدە تېررورلۇق ھۇجۇم يۈز بەرگەن يەردە مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. قەيسەرى ۋالىيلىقى ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتكە، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ۋىلايەتنىڭ ھەر قايسى ئىدارە، جەمئىيەتلىرىنىڭ ھەر دەرىجىلىك كادىرلىرى، ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلغان. پائالىيەتكە قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەمرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى باشچىلىقىدىكى باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزالىرى ۋە ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلغان. ئۇلار قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن تۈركىيە بايرىقىنى كۆتۈرگەن ھالدا، تېررورغا ۋە زوراۋانلىققا لەنەت ئوقۇيدىغانلىقىنى ئىپادىلەشكەن. بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن، بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئەمرۇللاھ ئەفەندىگىل، ئابدۇغېنى بېكىن ۋە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

ئەمرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى قەيسەرىدە تۇنجى قېتىم بۇنداق بىر تېررور ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، بۇنىڭ تۈركىيەنىڭ مۇقىملىقىنى، خەلقنىڭ راھەت تۇرمۇشىنى بۇزۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار نامىدىن بۇنىڭغا لەنەت ئوقۇيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزاسى ئابدۇغېنى بېكىن ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركلەر بىلەن بىرلىكتە قەيسەرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىغا لەنەت ئوقۇغانلىقىنى، ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغانلارغا دۇئا قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەدە تېررورلۇق ھۇجۇمنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى جەمئىيەتتە ئەنسىزلىك پەيدا قىلماقتا. بەزى سىياسىي ئانالىزچىلار سۈرىيە، ئىراق ۋە تۈركىيەدىكى بەزى تېررور تەشكىلاتلىرىنىڭ تۈركىيەدە ئىچكى ئۇرۇش پەيدا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بەزى ئانالىزچىلار، بۇ ئىشنى تۈركىيەنىڭ رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن يېقىنلىشىشىدىن بىئارام بولغان بەزى دۆلەت ۋە گۇرۇھلارنىڭ قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيەنىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكى تۈپەيلى ئەتراپىدا بولۇۋاتقان ئۇرۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيەدە ھازىرچە ئىچكى قالايمىقانچىلىق چىقىش ئېھتىمالىنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.

قەيسەرى تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، تۈركىيە تېررور بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان 35 يىلدىن بېرى، بۇ يەردە تېررورلۇق ۋەقە يۈز بېرىپ باقمىغان ئىكەن. 12-ئاينىڭ 17-كۈنى خەلق ئاپتوبۇسى بىلەن بازارغا كېتىۋاتقان ھەربىيلەرگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 13 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى تۈركىيەدە قاتتىق ئەندىشە پەيدا قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.