تۈركىيەنىڭ NTV تېلېۋىزىيەسىدە «جازا لاگېرلىرى» ئاڭلىتىلدى
2018.10.18

ئۇيغۇر دىيارىدىكى «جازا لاگېرلىرى» غا تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، تۈركىيەگە كېلىپ-كەتكەن كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرنىڭ سولانغانلىق خەۋىرى كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيەدىكى رادىيو-تېلېۋىزىيەلەر بۇنىڭغا دېگەندەك دىققەت بەرمىگەن ئىدى. ئالدىنقى كۈنى تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بىرى بولغان NTV تېلېۋىزىيەسىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى «جازا لاگېرلىرى» توغرىسىدا مەخسۇس خەۋەر تارقىتىلدى.
17-ئۆكتەبىر تارقىتىلغان پروگرامما مەزكۇر تېلېۋىزىيەنىڭ مۇدىرى ئەخمەت يېشىلتەپە ئەپەندىنىڭ نۇتقى بىلەن باشلىنىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «دۇنيادا ئاجايىپ چوڭ يالغان گەپلەر دېيىلىۋاتىدۇ. بۇ يالغان گەپلەرنى بەزىلەر سۆز ئارقىلىق دېسە، بەزىلەر يازما ھالەتتە، يەنە بەزىلىرى رەسىم ئارقىلىق دېسە باشقا بىرلىرى جىم تۇرۇۋېلىش ئارقىلىق دەۋاتىدۇ. ئۇزۇندىن بېرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بولۇۋاتقانلار توغرىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتى جىم تۇرۇۋالغان ئىدى. ئەمما تۈنۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتى بىر بايانات ئېلان قىلدى، خىتاي: ‹ھە-ئە شۇنداق، ئەسەبىي دىنىي ئىدىيەگە ئىگە ئۇيغۇرلارنى تەربىيەلەش مەركىزىگە ئەۋەتىۋاتىمىز› دېدى. خىتاي يەنە ‹ئۇيغۇرلار بۇ يەردە سەنئەت ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىۋاتىدۇ› دەۋاتىدۇ. بىز بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا دۇنيا جامائەتچىلىكى تازا دىققەت قىلمايۋاتقان بىر دىيارنى، يەنى شىنجاڭنى ئاڭلىتىمىز. بىزنىڭ تارىخىمىزدا، تىلىمىزدا بۇ يەرنىڭ ئىسمى ‹شەرقىي تۈركىستان›».
ئەخمەت يېشىلتەپە ئەپەندى پروگراممىنىڭ كىرىش قىسمىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يەردىكى مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ئۇزۇندىن بېرى خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىدىن نارازى. مەزكۇر بېسىمنىڭ دەرىجىسى كېيىنكى بىر قانچە يىلدىن بېرى بەكلا يۇقىرىلاپ كەتتى. بىر مىليون ئەتراپىدا كىشىنى يېقىنلىرىدىن ئايرىپ، ئۇزۇن يىلدىن بېرى سولاپ تۇرمە ھاياتىنى ياشاشقا مەجبۇر قىلماقتا. دەسلەپتە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى ئېتىراپ قىلمىدى، رايوندىن بۇ ھەقتە خەۋەر ئىگىلەشمۇ قىيىنلاشتى. خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان دوكلاتلىرى، لاگېردا بىر مۇددەت قامىلىپ ئاندىن قويۇپ بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ گۇۋاھلىقلىرى رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مۇسۇلمانلار تارتىۋاتقان زۇلۇمنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ئۇيغۇرلار بۇ زۇلۇمغا دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ قاراپ تۇرماسلىقىنى تەلەپ قىلماقتا. ‹ئۇنتۇلغان بىر خەلق - ئۇيغۇرلار› ناملىق بۇ تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنى ئۆمەر فارۇق شاھىن ئەپەندى تەييارلىدى.»
قىممەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، مەزكۇر تېلېۋىزىيە پروگراممىسى قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتىدە ناماز ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرۈنۈشى بىلەن باشلىنىدۇ. ئارقىدىن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈشلەر، تۇتقۇن قىلىنىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر كۆرسىتىلىدۇ. ئارقىدىن جازا لاگېرىدا 7 ئاي سولىنىپ چىققان ئۆمۈر بەكئالى بىلەن بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتكە ئورۇن بېرىلگەن. ئۇ ئۆزىنى لاگېر ئىچىدە 4 كېچە كۈندۈز تۆمۈرگە باغلاپ قويغانلىقىنى، پۇتىنىڭ ئۇچىنىڭ ئاران يەرگە تەككەنلىكىنى، 4 كۈن ئېسىپ قويۇلۇپ، ئۇخلىيالماي قىينىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
NTV تېلېۋىزىيەسىدىكى پروگراممىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى 1200 دەك جازا لاگېرىدا بىر مىليون ئەتراپىدا مۇسۇلماننىڭ تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. پروگراممىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «دىنىي ئەسەبىي» ئۇيغۇرلارنى «تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئاپارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
پروگرامما رىياسەتچىسى خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش» نى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى «جازا لاگېرلىرى» غا سولاۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئەسلى مەقسىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك خەلقلەرنى خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
پروگراممىدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ غەربكە ئېچىلغان دەرۋازىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دەيدۇ: «باي كۆمۈر كانلىرى، نېفىت قۇدۇقلىرى رايوننى خىتاي ئۈچۈن ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان جايغا ئايلاندۇرغان. 1949-يىلى كوممۇنىست خىتايلار رايونغا كىرگەندىن كېيىن خىتايلارنى كۆچۈرۈپ كېلىش ئارقىلىق رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. 1953-يىلىدىكى نوپۇس ستاتىستىكىسىدا خىتايلارنىڭ رايوندىكى نوپۇسى 6 پىرسەنت ئىكەن. 2010-يىلىغا كەلگەندە خىتاينىڭ نوپۇسى 40 پىرسەنتكە چىققان. »
بۇ ھەقتە ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ بايانلىرىغا ئورۇن بېرىلگەن.
پروگراممىدا خىتاينىڭ بۇ بېسىم سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە 2009-يىلىدىكى «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بايان قىلىنغان. 2009-يىلىدىن كېيىن «بىخەتەرلىكنى قوغدايمىز» دەپ رايوننى «ئۈستى ئوچۇق تۇرمە» گە ئايلاندۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئالىم سېيىتوفنىڭ كۆز قارىشىنى ئاڭلىتىدۇ.
17-ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيەلىرىدىن بىرى بولغان NTV تېلېۋىزىيەسىدە تارقىتىلغان «ئۇنتۇلغان خەلق - ئۇيغۇرلار» ناملىق پروگراممىنىڭ ئاخىرىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قىلغان چاقىرىقىغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.
NTV تېلېۋىزىيەسىدە تارقىتىلغان مەزكۇر پروگرامما تۈركىيەدىكى «جازا لاگېرلىرى» توغرىسىدا ئىشلەنگەن تۇنجى، ئەتراپلىق تېلېۋىزىيە پروگراممىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.