بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى تۈركىيە پارلامېنتىنى «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسىدە خىتاينى ئەيىبلەشكە چاقىردى
2018.10.25

24-ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى 650 پارلامېنت ئەزاسى قاتناشقان يىغىندا سۆز قىلىپ، تۈركىيە پارلامېنتىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى بويىچە مەخسۇس مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.
تۈركىيە پارلامېنتتىكى ئومۇمىي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقى جەلال ئەپەندى يىغىن كۈنتەرتىپنىڭ سىرتىدا سۆزلەش ھەققى تەلەپ قىلغان مۇستافا دەستىچىگە سۆز بېرىپ، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ 10-ئومۇمىي يىغىنى رەسمىي باشلاندى. يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىگە ئۆتۈشتىن بۇرۇن پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندىنى سۆزگە تەكلىپ قىلىمەن. ‹تۈرك-ئىسلام دىيارىدىكى ئۆزگىرىشلەر› تېمىسىدا سۆزلەشنى تەلەپ قىلغان پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا دەستىچىنى سۆزگە تەكلىپ قىلىمەن، مەرھەمەت، مۇستافا ئەپەندى.»
مۇستافا دەستىچى ئەپەندى سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك پارلامېنت باشلىقى، قىممەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى، ئالدى بىلەن سىلەرگە ھۆرمەت ۋە ئېھتىرامىمنى بىلدۈرىمەن. تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىدا يېنىۋاتقان ئوتنى ھەممىمىز كۆرۈۋاتىمىز. ئۇزۇن يىللاردىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان شۇنداقلا كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى بېسىم تۈرك-ئىسلام دۇنياسىنىڭ توقۇنۇش يۈز بېرىۋاتقان باشقا رايونلىرىدىكى مەسىلىلەردەك دۆلىتىمىزنىڭ كۈنتەرتىپىگە كەلمەيۋاتىدۇ…»
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندا تارىختىكى ئەڭ زور ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى يۈز بېرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ تۈرك ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى چىقىش قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇملارنى كۆرمەسلىككە سېلىشى بىزنىڭ كۆڭلىمىزنى قاتتىق يېرىم قىلماقتا. بىز مىليونلىغان كىشىلەرنى نەپەس ئالغىلى قويمايۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىنكاس قايتۇرماي تۇرالمايمىز. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئانا تىلىنى ئۆگىنىش ھەققىنىڭ تارتىۋېلىنىشى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە پەرزەنت كۆرۈش ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلىشى شۇنىڭدەك مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىشىنى كۆرمەيدىغان دەرىجىدە كۆزىمىز كور ئەمەستۇ!؟. . .»
قىممەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، تۈركىيەدىكى بەزى خىتايپەرەس ئاخبارات ئورگانلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىنىڭ ئويدۇرما ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بۇنى كۆپتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا دەستەچى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان بۇ تراگېدىيەنى ‹خىتاينىڭ كۈچىيىشىنى خالىمايدىغان ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئويدۇرۇۋاتىدۇ›دېگۈچىلەرنىمئۇ كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. ئۇنداقتا، بۇ بېسىملارنى، زۇلۇملارنى ۋە قىرغىنچىلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا نېمە دەيسىز؟ يالغان بىلەن توغرىنى ئايرىش مەسىلىسىنى پەقەتلا ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ رىقابىتىدىن كۆرگىلى بولامدۇ؟ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت بۇ تراگېدىيەلەرنىڭ يۈزىنى يېپىشقا يېتەمدۇ؟ مەن سىلەردىن شۇنى سورىماقچىمەن، سىلەر خىتاينى ياقىلامسىلەر ياكى ئىنسانىيلىقنىمۇ؟ دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا ھېچنېمىگە پىسەنت قىلماستىن قانۇنسىز ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقلارنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟ ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بىر خەلق بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ ياكى تۈرك بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟ سىياسىي ۋە تىجارىي مەنپەئەتىڭىزنى دەپ خىتاينىڭ بۇ زۇلۇملىرىغا ئىنكاس قايتۇرماسلىق زالىمنى ياقلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەسقۇ؟ ھەقسىزلىق ئالدىدا جىم تۇرغان ئادەمنىڭ جىن-شەيتاندىن نېمە پەرقى بار؟»
مۇستافا دەستىچى ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلار تاكى ئەركىنلىككە ئېرىشكىچە قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «قولىمىزدىن كېلىشىچە، كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە بۇ زۇلۇمنى توختىتىشقا تىرىشىمىز. ھەر زامان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھۆرلۈكى ۋە مۇستەقىللىقى ئۈچۈن تىرىشىمىز. تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ كىشىلىك ھەق ۋە ھوقۇق كومىسسىيونىنى شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا مەخسۇس مۇزاكىرە يىغىنى ئېچىشقا چاقىرىق قىلىمەن.»
ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە پارلامېنتىغا قويىدىغان تەلەپلىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈپ، بۇ ھەقتە مەخسۇس مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشىنى، خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»
قەھرامان ماراش شەھىرىدىكى سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدىكى ئۇيغۇرلار توغرىلىق تالاش-تارتىشلارنىڭ ياخشى بىر يۈزلىنىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە «تۈركىيەدىكى بەزى پارتىيە رەئىسلىرى بىلەن پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى، بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئارقا-ئارقىدىن تىلغا ئېلىشى ھۆكۈمەتنىڭ يېقىندا بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنىڭ بىر بېشارىتى،» دېدى.
يېقىندىن بېرى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم، مەزكۇر پارتىيەنىڭ پارلامېنتتىكى ۋەكىلى ياۋۇز ئاغىرئالى ئوغلۇ، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى گۈرسەل تېكىن ۋە خەلق دېموكراتىيەسى پارتىيەسىدىن بولغان بىر نەپەر پارلامېنت ئەزاسى تۈركىيە پارلامېنتىدە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.