تۈركىيەدىكى 5 ئاممىۋى تەشكىلات خىتاينى ئەيىبلەپ، «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» نى تاقاشقا چاقىردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2019.01.18
Legerlar-Taqalsun-Bayanati-Istanbul-2018-01.jpg ئىستانبۇلدا ئېچىلغان شەرقىي تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش كامپى تاقالسۇن تېمىسىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 16-يانۋار. ئىستانبۇل، تۈركىيە.
RFA/Arslan

16-يانۋار سەيشەنبە كۈنى تۈركىيەدىكى «ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى»، «ئۆزگۈر چۈشەنچە ۋە تەلىم ھەقلىرى جەمئىيىتى»، «ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئادالەت ھەرىكىتى»، «ئىنسان ھەقلىرى ئادالەت ۋە مەزلۇملار ئۈچۈن ھەمكارلىق جەمئىيىتى»، «خەلقئارالىق مۇساپىرلار ھەقلىرى جەمئىيىتى» قاتارلىق 5 چوڭ تەشكىلات بىرلىكتە، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا ئېچىلغان جازا لاگېرلىرىنىڭ تاقىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

بۇ يىغىندا ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى رەئىس بۇلەنت يىلدىرىم، ئۆزگۈر دەر جەمئىيىتى رەئىسى رىزۋان كايا، ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئادالەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى جىھاد گۆكدېمىر، مەزلۇم دەر ئىستانبۇل شۆبە رەئىسى ئېلى ئۆنەر، خەلقئارا مۇساپىرلار ھەقلىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئوغرى يىلدىرىم قاتارلىقلار سۆز قىلدى. ئۇلار سۆزلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «يالغۇز شەرقىي تۈركىستاندا ئەمەس بەلكى چەتئەللەرگە قاچقان ئۇيغۇرلارغىمۇ زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقى» نى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار بىردەك خىتايغا خىتاب قىلىپ، ئۇنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى دەرھال تاقاشقا چاقىردى. 

«شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندە قىلىنىۋاتىدۇ»

مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان ئۆزگۈر دەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رىزۋان كايا ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى «ھەق-ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ بۈگۈن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىگە قارىتا كۆپتۈرۈپ تەنقىدلىنىۋاتقانلىقى داۋا قىلىنىۋاتىدۇ، ئۇ يەردە ئوپئوچۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى جىنايىتى مەۋجۇت. ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقانلارنى ئوچۇق ئاشكارا بىر ئاسسىمىلياتسىيە دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدۇر. ئۇ يەردە دىن ۋە ۋىجدان ئەركىنلىكىنىڭ ئوچۇق ئاشكارا دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىغا شاھىت بولۇۋاتىمىز. بۇ جىنايەتلەر ‹قوشماق تۇغقانچىلىق› دېگەن نام ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ھەر كىم قارشى چىقىشى كېرەك. خىتاي بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەت قۇرۇش نامىدا بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىش ئەيىب ۋە جىنايەتتۇر». 

خىتاي تۈركىيەدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپ ساندا ئەگەشكۈچىلىرى بار ھېسابلارنى سېتىۋېلىشقا باشلىدى

ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئادالەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى جىھاد گۆكدېمىر سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ، تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپ ساندا ئەگەشكۈچىلىرى بولغان ھېسابلارنى سېتىۋالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە بىزنى ئامېرىكانىڭ خىزمەتچىلىرى› دەپ داۋا قىلىۋاتقانلارنىڭ خىتايغا قانداق خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ناھايىتى ئوچۇق كۆرۈۋاتىمىز. خىتاي تۈركىيەدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپ ساندا ئەگەشكۈچىلىرى بار ھېسابلارنى سېتىۋېلىشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن تۈركىيەدە قانداق بىر تەييارلىق پىلانلاۋاتىدۇ ؟ مەن ئۇلاردىن شۇنى سوراپ باقاي جاۋاب بەرسۇن؟! .

«مۇسۇلمان رەھبەرلەر ئىسكەنجىلەرگە كۆز يۇمۇۋاتىدۇ»

مەزلۇم دەر جەمئىيىتى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئېلى ئۆنەر ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك دائىمىي كومىتېتىدىكى بەش ئەزانىڭ بىرى بولغان خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ، بۇ ۋەزىيەت خىتاينىڭ سىياسىي مەنپەئەتلىرىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتىدۇ. ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى قوللىرىدىن ئېلىنىۋاتىدۇ ۋە خىتاينىڭ ئىدېئولوگىيە مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن تەلىم بېرىلىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادا تۇنجى بولۇپ، ‹تۇغقانچىلىق› نام ئاستىدا باشقا بىرلىرىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ياشاش شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئەڭ ئېچىنارلىقى شۇكى، ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان دەپ چاغلايدىغان رەھبەرلەر بۇ قەبىھ مەسىلىگە كۆز يۇمۇۋاتىدۇ». 

«خىتاي يالغۇزلا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانلارغا ئەمەس چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارغىمۇ زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ»

مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان خەلقئارا مۇساپىرلار ھەقلىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئۇيغۇر يىلدىرىم ئەپەندى، تۈركىيەدىكى مۇساپىرلار ئىشخانىلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان بەزى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۇيغۇرلارنى توغرىسىدا قايتۇرۇش قارارى چىققان تەقدىردە ئالىي سوتقا ئەرز سۇنۇش ئارقىلىق قارارنى بىكار قىلىشنى ئىپادىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي، يالغۇزلا شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ئىنسانلارغا زۇلۇم قىلىپ توختىماستىن بەلكى خىتاي زۇلۇمىدىن قېچىپ باشقا دۆلەتلەرگە كەتكەن شەرقىي تۈركىستانلىقلارغىمۇ زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن قانۇنسىز تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. تۈركىيەدە بولسا خىتايغا قايتۇرۇش مەسىلىسى يوق. قايتۇرۇش قارارى چىققان تەقدىردە ئالىي سوتلارغا ۋە ياكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق قايتۇرۇش قارارىنى بىكار قىلىمىز. ئىنتېرپول، يەنى خەلقئارا ساقچى ئورگىنى تۈركىيەدىن ئەۋەتىلگەن قارارلارنى قانداق ئىجرا قىلمىغان بولسا، بىزمۇ خىتايدىن تۈركىيەگە كەلگەن ھەر قارارنى ئاۋۋال كونترول قىلىش ئارقىلىق تەتقىق قىلىپ دەلىل-ئىسپاتى بولسا ئاندىن ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز». 

«ئەگەر دۇنياغا ئېچىلىشنى خالىساڭلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى بېرىڭلار!»

مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ رەئىسى بۇلەنت يىلدىرىم، خىتايغا خىتاب قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى بېرىشكە چاقىردى ۋە مۇنداق دېدى: «ئەگەر دۇنياغا ئېچىلىشنى خالىساڭلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى بېرىڭلار. ئۇ يەردە ئەركىنلىك جەھەتتە كېرەكلىك پرىنسىپلار يولغا قويۇلسا بىز بۇ مەسىلىدە ۋاسىتىلىك رولى ئويناشقا قوشۇلىمىز».

لاگېرلارنى تاقاش ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە سىياسىي پارتىيەلەرگە چاقىرىق قىلىندى

بۇلەنت يىلدىرىم يەنە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە سىياسىي پارتىيىلەرگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «جۇمھۇر رەئىسىمىز ئەينى زاماندا ئۇ رايونغا بېرىپ چوڭ بازارنى زىيارەت قىلدى. ئۇ زىيارەت جەريانىدا ئۇنىڭغا يەل-يېمىش ھەدىيە قىلغان ئۇيغۇرلارمۇ ھازىر جازا لاگېرىدا ياتىدۇ. جۇمھۇر رەئىسىمىزنى قارشى ئالغانلارنىڭ ھەممىسى ھازىر لاگېرغا قامالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن پۈتكۈل سىياسىي پارتىيەلەر بۇ مەسىلە توغرىسىدا پارلامېنتتا خىزمەت ئىشلىشى كېرەك. ئۆتمۈشتە قانداق خىزمەت ئىشلەنگەن بولسا يەنە ئوخشاش شەكىلدە خىزمەت ئىشلىنىشى كېرەك. شىرەگە مۇش ئۇرۇلۇشى لازىم». 

ئۇ يەنە «بۇ زۇلۇمنى تۈگىتىش ئۈچۈن كىم ۋاسىتە بولۇشنى خالىسا بىز ئۇنىڭ بىلەن خۇشاللىنارلىق بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييارمىز»، دېدى. 

«شەرقىي تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگېرى تاقالسۇن» دېگەن تېمىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى توغرىسىدا بۈگۈن، «ئاناتولىيە ئاگېنتلىقى»، «ئىخلاس خەۋەر ئاگېنتلىقى»، «ھەقسىز سۆز گېزىتى»، «يېڭى ئاكت»، «ھۆرىيەت»، «يېڭى سۆز»، قاتارلىق گېزىتلەردە ۋە «ت ر ت خەۋەر»، «CNN Turk« ،»TV Net»، «بېنگۇ تۈرك»، «Akit TV» قاتارلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا خەۋەرلەر تارقىتىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.