«ئۇيغۇر ئامېرىكا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىدىن كېيىن ترېنېر ۋە پۇتبولچى ياشلار تەسىراتىنى بايان قىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.06.03
amerika-uyghur-putbol-longqa-2016.jpg «ۋاشىنگتون د س ئۇيغۇر بىرلىكى» كوماندىسى چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى
RFA


27 - ماي كۈنى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتى لوس ئانجىلىس شەھىرىدە باشلانغان 2 - نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر ئامېرىكا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى 31 - ماي كۈنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە ئامېرىكا ۋە كانادادىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدىن تەشكىللەنگەن 6 گۇرۇپپا قاتناشقان. «ۋاشىنگتون د س ئۇيغۇر بىرلىكى» كوماندىسى بىلەن «بوستون - نيۇ - يورك» بىرلەشمە كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشۈپ، ۋاشىنگتون د س كوماندىسى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن. مۇسابىقە ئاياغلاشقاندىن كېيىنمۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا مەزكۇر مۇسابىقە ھەققىدىكى ھاياجانلىق كەيپىياتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن مەلۇم. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ترېنېرلار ۋە كوماندا ئەزالىرى مەزكۇر مۇسابىقە ۋە بۇ مۇسابىقىدىكى تەسىراتلىرىنى ئاڭلاتتى.

ئىگىلىشىمىزچە، «ئۇيغۇر ئامېرىكا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مۇسابىقىسى 2015 - يىلى ئامېرىكا ۋىرىگىنىيە شتاتىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ۋىرىگىنىيە شتاتىنىڭ فېرفاكىس شەھىرىدە باشلانغان بولۇپ، 2016 - يىلىدىكى 2 - نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ ساھىبخانىلىقىنى كالىفورنىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلار پۇتبول كوماندىسىنىڭ ترېنېرى مېرشات ئەپەندى ۋە كالىفورنىيە جامائىتى ئۈستىگە ئالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، كالىفورنىيە شتاتىنىڭ لوس ئانجىلىس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2016 - يىللىق مۇسابىقىگە شىمالىي ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىدىكى ئامېرىكا ۋە كانادادىكى ياشلاردىن تەشكىللەنگەن، «ۋاشىنگتون د س ئۇيغۇر بىرلىكى» كوماندىسى، كالىفورنىيە لوس - ئانجېلىس كوماندىسى، كالىفورنىيە سان - فرانسىسكو كوماندىسى، نيۇيورك - بوستۇن كوماندىسى، تېكساس كوماندىسى ۋە كانادا ياشلار كوماندىسى قاتارلىق ئالتە كوماندا قاتناشقان. 3 كۈنلۈك جىددىي ئېلىشىش ئارقىلىق «ۋاشىنگتون د س ئۇيغۇر بىرلىكى» كوماندىسى چېمپىيونلۇققا، «بوستون - نيۇ - يورك» بىرلەشمە كوماندىسى 2 - لىككە، كانادا كوماندىسى 3 - لىككە ئېرىشكەن. پۇتبولچىلاردىن ۋىرىگىنىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا «ئادا» دەپ تونۇلغان ئارافات دىلشات ئالتۇن پۇت پۇتبول چولپىنى بولۇپ باھالانغان.

مۇسابىقىدىن كېيىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن فېيسبوك، ئۈندىدار قاتارلىقلاردا بۇ قېتىمقى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئەمەلىيىتى ھەققىدىكى رەسىم ۋە ئىنكاسلار يوللىنىپ، بۇ قېتىمقى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى كۆڭۈللۈك كەيپىيات ۋە مەزكۇر مۇسابىقىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىغا ۋە ئۇيغۇر جامائىتىگە كۆرسەتكەن ئىجابىي تەسىرى ھەققىدە قىزغىن مۇنازىرىلەر داۋام قىلماقتا.

ترېنېرلاردىن ۋىرىگىنىيە كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى، پېشقەدەم پۇتبولچى جۈرئەت زاھىر ئەپەندى، بوستۇن - نيويورك كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى ئۇچقۇن ئەپەندى، پۇتبولچى ياشلاردىن ئارافات دىلشات ۋە ئابدۇلمۇتەللىپلەر رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىللىق مۇسابىقىدىكى ھاياجانلىق كەيپىياتنى، پۇتبول مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ مىللىي كىملىك ئېڭىنى كۈچەيتىشتە ئوينىغان رولى، ئەھمىيىتى قاتارلىقلار ھەققىدە توختالغاندىن باشقا، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ساھىبخانىلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان كالىفورنىيە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قوللىشىغا قارىتا ئالاھىدە رەھمىتىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.