«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە سوئال ۋە جاۋاب

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2013.11.28
ekmeliddin-ehsan-oghli-xitay-xelq-jumhuriyiti-tashqi-ishlar-ministir-muawini-305.jpg ئەكمەلىددىن ئېھسان ئوغلى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ مۇئاۋىنىنى تەشكىلاتنىڭ جىددە شەھىرىدىكى قارارگاھىدا كۈتۈۋالدى. 2010-يىلى دېكابىر.
RFA/Omerjan

2013-يىلى27-نويابىر كەچ سائەت 10 دا، قاتارنىڭ «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىدا، «خەلقئارا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى»نىڭ باش كاتىپى ئەكمەلىددىن ئېھسان ئوغلۇ بېرما ۋە ئانگولادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەزىيىتى توغرىلىق مەخسۇس پروگراممىغا دەۋەت قىلىنغان ئىدى.

پروگرامما ئوتتۇرىسىدا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدىكى «مۇسۇلمانلار ياشلار كۇلۇبى»نىڭ تەركىبىدىكى« تۈركىستان كومىتېتى» نىڭ رەئىسى ئابدۇراخمان ئەبۇ مەنسۇر سۆھبەتكە تېلېفون ئارقىلىق ئىشتىراك قىلدى ۋە ئەكمەلىددىن ئېھسان ئوغلۇغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىلىق مۇھىم سوئاللارنى قويدى.

ئابدۇراخمان ئەبۇ مەنسۇرنىڭ ئەكمەلىددىن ئېھسان ئوغلۇغا قويغان سوئالى

ئابدۇراخمان ئەبۇ مەنسۇر ئەكمەلىددىن ئېھسان ئوغلۇغا مۇنداق دەپ سوئال قويدى:
- «خەلقئارا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» ئەسلىدە مەرھۇم پادىشاھ فەيسەل تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان، تولىمۇ جانلىق بىر تەشكىلات ئىدى. ھازىرقى كۈندە ھېچ ئىش قىلالمايدىغان، بىر قۇرۇق جىھاز بولۇپ قالدى. سىلەر نېمە ئۈچۈن رەسمىي تەرەپلەر بىلەنلا مۇناسىۋەت قۇرىسىلەر، خەلق تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن تەشكىلات ۋە جامائەتلەر بىلەنمۇ مۇناسىۋەت قۇرمايسىلەر؟ سىلەر شەرقىي تۈركىستاننى بىلىسىلەر، ئۇ يەردىكى مۇسۇلمانلار ئىككىدىن ئارتۇق بالىغا ئىگە بولالمايدۇ، ئىبادەتلىرىنى كەڭتاشا قىلالمايدۇ، ئۇلار خىتاينىڭ زۇلۇمىدا ياشاۋاتىدۇ، ھەتتا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشتىنمۇ مەھرۇم قالماقتا. ھۆرمەتلىك پروفېسسور ئەكمەلىددىن ئېھسان ئوغلۇ جانابلىرى! سىز ئۈرۈمچىگە باردىڭىز، ئۇ يەردىكى زۇلۇمنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆردىڭىز، ئەمما ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى توغرىلىق ھېچقانداق بىر بايانات ئېلان قىلمىدىڭىز ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ھازىرغىچە ھېچبىر ئىش قىلمىدىڭىز؟ نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولۇۋاتىدۇ؟ بۇنىڭغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىسىز؟»

پروفېسسور ئەكمەلىددىن ئېھسان ئوغلۇنىڭ ئەبۇ مەنسۇرغا جاۋابى

پروفېسسور ئەكمەلۇددىن ئېھسان ئوغلۇ ئابدۇراخمان ئەبۇ مەنسۇرنىڭ سوئاللىرىدىن ئوڭايسىزلانغانلىقىنى چاندۇرماسلىققا تىرىشقان بولسىمۇ، يەنىلا چاندۇرۇپ قويدى ۋە بەكمۇ ئوڭايسىزلاندى. ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:
‏- «‹خەلقئارا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى› ھۆكۈمەتلەر بىلەنلا مۇناسىۋەت قۇرمايدۇ، بەلكى ھەر خىل پارتىيە ۋە جامائەتلەر بىلەنمۇ مۇناسىۋەت باغلاپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ بېرما ۋە فىلىپپىن مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىسىدە، ئۇلارنىڭ خەلق تەرەپتىن تەشكىللەنگەن جامائەتلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق خېلى كۆپ ئىشلارنى ھەل قىلغان بولدۇق. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كەلسەك، راست، مەن شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلدىم، ئۈرۈمچىگىچە باردىم، ئۇ جايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمانلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇملارغا شاھىت بولدۇم. بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن بىر قانچە قېتىم بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بىرەر قارار چىقىرىشقا تىرىشتىم، شەرقىي تۈركىستاندا كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىم ھەققىدە بايانات تەييارلىغىنىمدا، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ ھەممىسى بىرلىشىۋالغاندەكلا ‹مۇشۇ مەسىلە ھەققىدە سۆز ئاچمىساق› دەپ تۇرۇۋالدى. ھەتتا ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ باش ئەلچىلىرىنى چاقىرىپ، شەرقىي تۈركىستان توغرىلىق بىر يىغىن ئېچىشقا قارار قىلغىنىمدا، ئۇلار ماڭا ‹سەن نېمىشقا شۇنداق قىلىسەن؟ بۇنداق قىلمىغىن› دەپ قارشى چىقتى. ھۆرمەتلىك ئابدۇراخمان ئەپەندى! سىز مېنى ھېچ ئىش قىلمىدى دەپ ئەيىبلىدىڭىز، سىز مېنى ياكى بۇ تەشكىلاتنى ئەيىبلەشتىن ئاۋۋال مېنىڭ ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ نېمىنى قىلالايدىغانلىقىنى ۋە نېمىگە كۈچى يەتمەيدىغانلىقىنى بىلىشىڭىز لازىم.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.