ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ئىجرائىيە ھەيئىتى يىغىنىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا خىتابنامە ماقۇللاندى

0:00 / 0:00

بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 15-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە ھەيئىتى يىغىنىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا خىتابنامە ماقۇللاندى.

خىتابنامىدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مارالبېشى، قاغىلىق، خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ ۋە تۇرپان قاتارلىق جايلىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ۋە ئۇنىڭ مەيدانغا كېلىش سەۋەبلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلگەندىن كېيىن، دۇنيا دۆلەتلىرىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بېرىلگەن.

UNPO يەنى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولالمىغان مىللەتلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىدىن بىرى. 15-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە ھەيئىتى ئەزالىرى يىغىنىدا تەشكىلاتنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە خىزمەت پىلانلىرى توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا قاتناشقان.

بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ دولقۇن ئەيسا بىلەن يىغىن ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.