ئامېرىكىنىڭ شىمالىي ۋەزىرىستانغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 30 دەك قوراللىق كۈچ ئۆلتۈرۈلدى


ئامېرىكا جۈمە كۈنى پاكىستاننىڭ شىمالىي ۋەزىرىستان رايونىدىكى ئىسلامچى قوراللىق كۈچلەرگە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا ھاۋا ھۇجۇمى قىلىپ، ھۇجۇمدا 30 دەك قوراللىق كۈچنى ئۆلتۈرگەن. ھاۋا ھۇجۇمى تالىبان ۋە ئۆزبېك قوراللىق كۈچلەرنىڭ ئافغانىستان چېگراسىغا يېقىن جايدىكى بازىسىنى نىشان قىلغان.

ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە قوراللىق كۈچلەرنىڭ كوماندىرلىرىنىڭ بارلىقى قەيت قىلىنماقتا.

لېكىن، خەۋەرلەردە ئۆلگەنلەردىن قانچە كىشىنىڭ ئۆزبېك، قانچە كىشىنىڭ پاكىستانلىق تالىبان ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان.

پاكىستاننىڭ ۋەزىرىستان تاغلىق رايونىدا ئۆزبېك، چېچەن ۋە قىسمەن ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئىسلامىي قوراللىق كۈچلەر ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

پاكىستان ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرىدىن ئىزچىل شىكايەت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر بار.

يېقىندا تالىبانلار پېشاۋۇر شەھىرىدىكى پاكىستان ئارمىيىسىگە قاراشلىق بىر مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىپ، 150 كە يېقىن ئادەم ئۆلگەن. ئۆلگەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بالىلار ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن پاكىستان ئارمىيەسى تاغلىق رايوندىكى قوراللىق كۈچلەرگە ھۇجۇمنى كۈچەيتكەن ئىدى.