ئاۋسترالىيە ABC خەۋەر قانىلى ئۇيغۇر ئېلىدە شىددەت بىلەن كۆپىيىۋاتقان لاگېرلارنى خىتاينىڭ تەشۋىقاتى بىلەن سېلىشتۇردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.11.02
lager-yighin-oginish.jpg ئەتراپى قوراللىق ئەسكەر ۋە تانكىلار بىلەن قورشالغان «تەربىيەلەش لاگېرى».
Social Media

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئاۋسترالىيەدىكى «ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت ئىنستىتۇتى» (ASPI) نىڭ 3 نەپەر تەتقىقاتچىسى 31‏-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار خەرىتىلەشتۈرۈلگەن چوڭ ھەجىملىك بىر دوكلات ئېلان قىلىپ كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى. دوكلاتتا ئەسكەرتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنى ناھايىتى قىسقا مۇددەت ئىچىدە تېز سۈرئەت بىلەن كۆپەيتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ تېزلىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەتالاشتىكى جەنۇبىي دېڭىزدا «سۈنئىي ئاراللارنى» ياساشتىكى تېزلىكىنى ئەسلىتىدىكەن. يۇقىرىدىكى بۇ تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا بۇنداق لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقاپ، ئۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرغۇچە بولغان پۇرسەتنى ناھايىتى چىڭ تۇتۇپ چاقماق تېزلىكىدە ھەرىكەت قىلغان.

جۈملىدىن، 2017-يىلىنىڭ بېشىدىن ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى 28 لاگېرنىڭ كۆلىمى تېز سۈرئەتتە زورىيىپ، ئىككى مىليون كۋادرات مېتىرغا يېتىپ بارغان. پەقەت يېقىنقى 3 ئاي ئىچىدىلا ئۇلارنىڭ كۆلىمى 700 مىڭ كۋادرات مېتىر ئاشقان. 

ئاۋسترالىيە ABC خەۋەر قانىلى مۇخبىرى يۇقىرىدىكى دوكلاتقا ئاساسەن ئىشلىگەن مەخسۇس خەۋىرىدە مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى شىنجاڭ رايونىدىكى بۇ مۇسۇلمان خەلقىگە كەسىپ ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارغا قانداق قىلغاندا ياخشى پۇقرا بولۇشنى ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇلار بۇنى تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ياخشى ئۇسۇلى، دەيدۇ. بىراق كۈنسايىن ئاشكارىلىنىۋاتقان پاكىتلار بۇ ئورۇنلارنىڭ مەكتەپتىن بەكرەك تۈرمىگە ئوخشايدىغانلىقىنى جۈملىدىن بۇ خەلققە مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى يۈرگۈزۈشنى مەقسەت قىلىپ، تېز سۈرئەت بىلەن كېڭەيتىلىۋاتقان تۇتقۇن قىلىش لاگېرلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا». 

يۇقىرىدىكى بۇ تەتقىقات ئورگىنى ئۆز دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، ئۇلار 2016 ‏-يىلىنىڭ بېشىدىن ھازىرغىچە بولغان جەرياندا بۇ 28 لاگېرنىڭ قۇرۇلۇشى، كۆلىمى ۋە خاراكتېرى ئۈستىدە ئىزدەنگەن. بىۋاسىتە گۇۋاھچىلار، سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرى، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا چىققان خەۋەرلەر، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانلىرى، خىتايدىكى ئىجتىمائىي تور بەتلەردىكى ئالاقىدار مەزمۇنلارنى سېلىشتۇرۇش ئاساسىدا تەييارلانغان مەزكۇر دوكلات ھازىرغىچە لاگېر ھەققىدە ئېلان قىلىنغان ناھايىتى ئەتراپلىق ۋە رەسمىي دوكلاتلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
دوكلاتنى تەييارلىغۇچى تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى بولغان فېرگۇس راين ABC خەۋەر قانىلىغا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مېنىڭچە خىتايدا تيەنئەنمىن ۋەقەسىدىن بېرى بۇنداق ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بېرىپ باقمىغان». 

خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر ئېلىدە 180دىن 1200 گىچە لاگېر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ۋە بۇ لاگېرلاردا ئاز دېگەندە 1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە كىشىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە. خەلقئارانىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە قارىماي، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئورۇنلارنىڭ ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيىلەش ئورنى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تەشۋىقاتلىرىنى ھەدەپ كۈچەيتمەكتە. خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە شىنجاڭ تېلىۋىزىيەسى بۇ «كەسپىي تەربىيىلەش ئورۇنلىرى» دىن تارقاتقان خەۋەرلىرىدە مەيدانلاردا ئۇسسۇل ئويناۋاتقان، ۋاسكېتبول ئويناش قاتارلىق تەنتەربىيە تۈرلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، سىنىپتا خىتايچە ئوقۇۋاتقان ياكى ھۈنەر ئۆگىنىۋاتقان ئاتالمىش «كۇرسانتلارنى» كۆرسەتكەن ئىدى. ئالدىنقى كۈنى خىتاي دائىرىلىرى يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەن ۋە شۇنداقلا ھەرقايسى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئورگانلاردىن پېنسىيىگە چىققان ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئابلەت ئابدۇرېشىت، مەمتىمىن زاكىر ۋە خەلچەم ئىسلام قاتارلىق سابىق ئۇيغۇر ئەمەلدارلار بىلەن ھەر قايسى ئىدارە-ئورگانلارنىڭ سابىق ئىدارە باشلىقلىرىدىن تەشكىللەنگەن 64 كىشىلىك بىر گۇرۇپپىنى خوتەندىكى ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيە ئارقىلىق ئۆزگەرتىش ئورۇنلىرى» غا ئاپىرىپ، زىيارەت قىلدۇرغان. خەۋەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى مەمتىمىن زاكىر ۋە ئۇيغۇر رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى قاسىم مامۇت قاتارلىقلار زىيارەت قىلىنغان. ئۇلار سۆزىدە كىشىلەر قانۇننى ياخشى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن جىنايەت ئۆتكۈزىدۇ، شۇڭا بۇنداق تەربىيىلەش ئورۇنلىرى ناھايىتى زۆرۈر، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش ھەرىكىتىمىز ناھايىتى ئىشەنچلىك ۋە ئۈنۈملۈك بىر يولنى تاپتى» دېگەن. «شىنجاڭ تېلىۋىزىيەسى» نىڭ خەۋىرىدە بۇ ئورۇنلاردا «كۇرسانتلارغا يارىتىپ بېرىلگەن تولىمۇ ئازادە ئۆگىنىش مۇھىتىدىن پېشقەدەم كادىرلارنىڭ ناھايىتى سۆيۈنگەنلىكى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن. 

ھالبۇكى، ئاۋسترالىيەنىڭ ABC خەۋەر قانىلى پروگراممىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تارقىتىۋاتقان يۇقىرىقىدەك تەشۋىقات ماتېرىياللىرى دىققەت بىلەن كۈزىتىلگەندە بۇنىڭ تامامەن سەھنىلەشتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشنىڭ قېيىن ئەمەسلىكى ئەسكەرتىلىپ: «سىز بۇ كۆرۈنۈشلەرگە يېقىندىن قارىغىنىڭىزدا بەزى پاكىتلارنى بايقايسىز. مەسىلەن بۇ سىنىپتا ئاز دېگەندە 5 كامېرا بار. ۋاسكېتبول مەيدانىمۇ راست مەيدان ئەمەس، ئۇ پەقەت ۋىدىيوغا تارتىشتىن ئاۋۋال يەرگە ۋاقىتلىق سېلىپ قويۇلغان پالازدىن ئىبارەت. گۇگۇل خەرىتىسى بۇ ئورۇنلارنىڭ ئەتراپىنىڭ پۈتۈنلەي تىكەنلىك سىم بىلەن ئورالغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. . . خىتاينىڭ دۆلەت گېزىتى بۇ ئورۇنلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بىراق، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋە غەربلىك تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن قېزىپ چىقىرىلىۋاتقان كۆپلىگەن پاكىتلار بولسا خىتاينىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىشنى قىيىنلاشتۇرماقتا» دېيىلگەن. 

ئاۋسترالىيەدىكى «ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت ئىنستىتۇتى» (ASPI) ئۆز دوكلاتىدا ئەگەر لاگېرلار مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە خەلقئارالىق بېسىم ئىشلىتىلمىگەن تەقدىردە، ئۇنىڭ بۇ زور كۆلەملىك ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى يەنە ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.