تۈرك پارلامېنت ئەزاسى: لاگېرلار ھەققىدىكى سوئالىمدىن خىتاي ئەلچىسىنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ كەتتى
2018.11.27

خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى باش ئەلچىسى يۈ خوڭياڭ 23-نويابىر كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى تۈركىيە-خىتاي پارلامېنت ئەزالىرى دوستلۇق گۇرۇپپىسى ئەزالىرىغا خىتاي ئەلچىخانىسىدا زىياپەت بەرگەن. زىياپەتكە تۈركىيە پارلامېنتىدىكى مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ رەئىسى، سابىق قاتناش مىنىستىرى ئاخمەت ئارسلان باشچىلىقىدا 3 پارتىيىدىن 7 پارلامېنت ئەزاسى ئىشتىراك قىلغان. زىياپەتكە «ئىيى» پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى فاخرەتتىن يوقۇش ئەپەندىمۇ قاتناشقان بولۇپ، پارلامېنت ئەزاسى فاخرەتتىن يوقۇش ئەپەندى زىياپەتتە ئاتالمىش قايتا تەربىيىلەش مەركىزى توغرىسىدا سوئال سورىغىنىدا خىتاي ئەلچىسى چىرايىنى تۈرۈپ، ئاچچىقلانغان پوزىتسىيەدە ئۇلارغا چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان.
پارلامېنت ئەزاسى فاخرەتتىن يوقۇش ئەپەندى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئەلچىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 7 پارلامېنت ئەزاسى خىتاي ئەلچىخانىسىغا باردۇق. زىياپەت جەريانىدا تىجارىي مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. سابىق قاتناش مىنىستىرىمۇ بار ئىدى. ئۇلار بۇرۇن تۆمۈر يولى سېلىش توغرىسىدا كۆرۈشكەن بولغاچقا تونۇشىدىكەن. شۇڭا ئۇلار ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدا سۆزلەشتى.»
فاخرەتتىن يوقۇش ئەپەندى بۇرۇن تۈركىيە پارلامېنتىدا ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى ئەزاسى ئىدى. ئۇ، ھازىر تۈركىيە-خىتاي پارلامېنت ئەزالىرى دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىمقى زىياپەتتە خىتاي ئەلچىسىدىن جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى توغرىسىدا سوئال سورىغان. ئۇ، بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن خىتاي ئەلچىسىدىن يېقىندىن بېرى ھەم خەلقئارادا، ھەم تۈركىيەدىكى گېزىت ۋە تېلېۋىزىيەلەردە سىلەر ئاپتونوم رايون دەپ ئاتاۋاتقان شىنجاڭ دېگەن يەردە تەربىيىلەش لاگېرلىرى قۇرغانلىقىڭلار ۋە بۇ لاگېرلاردا ئادەم قېلىپىدىن چىققان ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىڭلار توغرىسىدا خەۋەرلەر بار. بۇ ھەقتە نېمە دەيسىز؟ دەپ سورىدىم. مەن ئەسلىدە تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى ئەزاسى ئىدىم، بۇلارنى بىلىش ئۈچۈن تۈركىيە-خىتاي دوستلۇق گۇرۇپپىسى ئەزالىقىنى تاللىدىم دېدىم.»
ئۇ، خىتاي ئەلچىسى يۈ خوڭياڭنىڭ بۇ سوئالنى ئاڭلاپلا چىرايىنىڭ دەرھال ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ خۇددى جىنايەت سادىر قىلغان ئادەمنىڭ روھى-كەيپىياتىدا جازا لاگېرلىرىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى توغرىسىدا مەلۇمات بەرسىڭىز قانداق دېگىنىمدە ئەلچىنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ كەتتى. بىز ئەلچىخانىغا بارغاندىن تارتىپ كۈلۈپلا تۇرغان ئادەم مېنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى سوئالىمنى ئاڭلاپلا گەپ سۆزلىرى، قاراشلىرى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپلا كەتتى. بۇنىڭدىن سوئالىمدىن بەك بىئارام بولغانلىقىنى چۈشەندىم. بىزگە چۈشەندۈرىمەن دەپ كۆپ سۆزلىدى، بىزنىڭ ھەيئەتنىڭمۇ ئىچى پۇشۇپ كەتتى. خەلقئارا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ، بەزى دۆلەتلەرنىڭ لاگېر مەسىلىسىدە يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىنى دېدى.»
فاخرەتتىن يوقۇش ئەپەندى خىتاي ئەلچىسىنىڭ خىتايدا لاگېر قۇرغانلىقىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇ: بىز ئۇيغۇرلارغا بېسىم ئىشلىتىش ياكى ئىرقىي كەمسىتىش مەقسىتى بىلەن بۇلارنى قىلمىدۇق، ئۇلارنى تەربىيىلەش، كەسىپ ئۆگىتىش ئۈچۈن قۇردۇق. بۇلاردىن سىرت ئۇيغۇرلارنى ئەسەبىي ئىسلامچى گۇرۇپپىلارغا كېتىپ قالمىسۇن دەپ تەربىيىلەۋاتىمىز دېيىشى بىلەن ‹جازا لاگېرلىرى› بارلىقىنى قوبۇل قىلغان بولدى. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ياخشى سىياسەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى يېرىم سائەتتەك ئاڭلاتتى. ۋاقتىمىز توشۇپ كەتتى، پارلامېنتقا قايتمىساق بولمايدۇ دېسەك ئۇنىماي ئۇزۇن-ئۇزۇن بىزگە چۈشەندۈردى. خىتاي ئەلچىسىنىڭ بىزنى چاقىرىشىدىكى مەقسەتمۇ ئەسلىدە خىتاينىڭ سىياسەتلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى بىزگە ئاڭلىتىش ئىكەندەك قىلىدۇ.»
فاخرەتتىن يوقۇش ئەپەندى پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلىنىشتىن بۇرۇن تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىدى. ئۇ، 20 يىلدىن بېرى تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، قارا گۈلچەمبىرەك قويۇپ، خىتاي ئەلچىخانىسىغا سېسىق تۇخۇم ئاتقان كىشىلەردىن بىرى ئىدى.
فاخرەتتىن يوقۇش ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ياقىلاپ ئۇزۇن يىل ئالدىدا نامايىش قىلغان ئەلچىخانىنىڭ ئىچىگە كىرىپ سوئال سوراش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ساڭىمۇ مەلۇم بولغىنىدەك مەن ئاممىۋى تەشكىلات رەئىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەنمۇ كۆپ قېتىم خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا بېرىپ ئىشىكىگە قارا گۈلچەمبىرەك قويدۇم. دېمەك ئىنسان ھاياتىدا بۇلارمۇ بولىدىكەن، نارازىلىق نامايىشى ئۈچۈن بارغان، تېمىغا سېسىق تۇخۇم ئاتقان، شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئىشىكىنىڭ ئالدىدا شوئار توۋلىغان ئەلچىخانىنىڭ ئىچىگە كىرىپ، يېمەك يەپ، ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ھەقسىزلىقلار توغرىسىدا سوئال سوراش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى بەختلىك ھېس قىلىمەن، ئۆز ۋەزىپەمنى ئادا قىلدىم.»
فاخرەتتىن يوقۇش ئەپەندى بۇرۇن 450 مىڭ ئەزاسى بار كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسى ئۆتىگەن ئىدى. ئۇ، بۇ يىل 7-ئايدىكى سايلامدا «ياخشى» پارتىيىدىن پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان ئىدى. ئۇزۇن يىل شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتۈگەن خەيرۇللا ئەفەندىگۈل ئەپەندى، فاخرەتتىن يوقۇش ئەپەندىنىڭ 2000-يىلىدىن تارتىپ ئاكتىپ ھالدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قوللاپ كېلىۋاتقان كىشى ئىكەنلىكىنى، پارلامېنت ئەزاسى بولغاندىن كېيىنمۇ قوللاۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.