75 نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈر ئۈچۈن كوللېكتىپ خەتنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015-06-05
Share
turkiye-uyghur-xetne-murasimi.jpg 75 نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈر ئۈچۈن كوللېكتىپ خەتنە مۇراسىمى
RFA/Erkin Tarim


6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن كېيىن تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مەركىزىدە 75 نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭ كوللېكتىپ خەتنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ تەشەببۇسى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم قىلىشى بىلەن 2014 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان 150 ئائىلە ئۇيغۇرنىڭ خەتنە قىلدۇرۇش يېشىغا توشقان 75 نەپەر ئوغلى ئۈچۈن كوللېكتىپ خەتنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا قەيسەرىنىڭ سابىق شەھەر باشلىقى مەمەت ئۆزھاسەكى ئەپەندى، ھازىرقى شەھەر باشلىقى مۇستافا چەلىك ئەپەندى، قەيسەرى ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى مەھمەت ئاقتاش ئەپەندى، ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى فاھرەتتىن كەلەش ئەپەندى، بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە قەيسەرىدىكى بۇرۇن كەلگەن ۋە يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

مۇراسىمدا ئالدى بىلەن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىگەن، ئۇ نۇتىقىدا مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق قەيسەرىگە كەلگەن ئۇيغۇرلارغا ياردەم قولىنى ئۇزاتقان قەيسەرى ۋالىلىكىگە، شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە، بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا ۋە تۈرك خەلقىغە رەھمەت ئېيتتى. ئارقىدىن كىچىك مۈجاھىت قەشقەرلى شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى. ئارقىدىن خەتنىسى قىلىنىدىغان 75 نەپەر ئۆسمۈرگە ئويۇنچۇق ماشىنا بىلەن 50 لىرادىن پۇل تارقىتىلدى. مۇساپىر ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ۋە ئاتا - ئانىلىرى بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئەسلىدە 75 نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭ خەتنىسىنى بۈگۈن قىلىش پىلانلانغان بولسىمۇ، تۈرك قانۇنىدا دوختۇرخانىدا قىلدۇرۇش بەلگىلەنگەن بولغاچقا ئىككى كۈن ئىچىدە ھەقسىز ھالدا قەيسەرىدىكى دوختۇرخانىلاردا قىلىنىدىكەن.

بىز بۇ پائالىيەت توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە بالىسىنى خەتنە قىلدۇرغان ئۇيغۇر مۇساپىر ئەبۇبەكرى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئەبۇبەكرى ئەپەندى زۇلۇمدىن قېچىپ مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن مۇساپىرلارنىڭ بالىلىرىدىن خەتنە قىلدۇرۇش يېشىغا كەلگەن 75 نەپەر ئۆسمۈر ئۈچۈن بۇنداق تەنتەنىلىك كوللېكتىپ خەتنە قىلدۇرۇشنىڭ ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى ئىش ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر تارىخىدىن ئورۇن ئېلىشقا تېگىشلىك ئىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەبۇبەكرى ئەپەندى ئۆزى مۇراسىمغا بېرىشتىن بۇرۇن بۇنداق داغدۇغىلىق بولۇشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانلىقىنى، بالىلارنىڭ بەزىلىرىگە خەتنە كىيىمى يەنە بەزىلىرىگە ھەربىيچە كىيىم كىيدۈرۈپ، ئالىي رەھبەرلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بۇنداق بىر مۇراسىمنىڭ ئۆتكۈزۈلىشىدىن ئىنتايىن تەسىرلەنگەنلىكىنى ئېيىتتى.

ئابۇبەكرى ئەپەندى شەرقىي تۈركىستاندا ناھىيەنىڭ ھاكىمى تۈگۈل، يېزا باشلىقىنىڭمۇ خەلقنىڭ بۇنداق مۇراسىملىرىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى، خەلقنى خارلايدىغانلىقىنى، تۈركىيەدە شەھەر باشلىقىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن ھال سوراپ، قىيىنچىلىقىڭ بارمۇ؟ دېيىشىنىڭ ئۆزىنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈرگەنلىكىنى ئېيىتتى.

75 نەپەر مۇساپىر ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ كوللېكتىپ خەتنە قىلىنىشى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈردى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت