خىتايلارنىڭ ئۆي زېمىن سېتىۋېلىشى كانادادا ئۆي مۈلۈك كرىزىسى پەيدا قىلدى

0:00 / 0:00


كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرى، كانادانىڭ برىتىش كولومبىيە ئۆلكىسىگە جايلاشقان پورت شەھەرلەرنىڭ بىرى شۇنداقلا كانادانىڭ ئامېرىكا بىلەن چېگرىلىنىدىغان 2 - چوڭ شەھىرى. ۋانكوۋېر شەھىرى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، خىتاي نوپۇسى كانادا بويىچە ئەڭ كۆپ بولغان شەھەرلەرنىڭ بىرى.

يېقىندىن بۇيان كانادادىكى ۋانكوۋېر شەھىرى بىلەن تورونتو شەھىرىدىكى ئۆي باھاسىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئۆرلەپ كېتىش مەسىلىسى كانادا ئۆي مۈلۈك كرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. كانادا ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىگە قارىتا جىددىي تەدبىر ئېلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ھەقتە كانادا مەتبۇئاتلىرىدىكى مۇلاھىزىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدىكى ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە، خىتايدىكى پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ كۆپلەپ كاناداغا كېلىشى شۇنداقلا ئۆيلەرنى ئەسلىدە چىقارغان سېتىش باھاسىدىن ئاشۇرۇپ سېتىۋېلىشى سەۋەب بولماقتا ئىكەن.

ھازىر كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى كامىل تۇرسۇن ئەپەندى، خىتايلارنىڭ ۋانكوۋېردىكى ئەھۋالى ۋە ئۇلارنىڭ ۋانكوۋېردىن زېمىن سېتىۋېلىشقا ئالاھىدە قىزىقىۋاتقانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزدى.

ھازىر كانادادا تىجارەت قىلىۋاتقان بىر خەلقئارالىق ئۆي مۈلۈك تىجارەت شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە كانادانىڭ ئۆي مۈلۈك تىجارىتىگە ئەڭ كۆپ مەبلەغ سېلىۋاتقانلار خىتايلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىلا كانادا ئۆي مۈلۈك تىجارىتىگە سالغان مەبلىغى بىر مىليارد 300 مىليون دوللارغا يەتكەن.

بۇ يىلدىن ھازىرغا قەدەر خىتاي سېتىۋالغان كانادادىكى ئومۇمى ئۆي مۈلۈك قىممىتى 2 مىليارد دوللارغا يەتكەن. مەركىزى ئامېرىكىدىكى CBRE دەپ ئاتىلىدىغان خەلقئارالىق بىر ئۆي مۈلۈك تىجارىتى شىركىتىنىڭ مەسئۇلى تورونتودىكى مۇخبىرلارغا، «خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلىرى كانادادىن يەر زېمىن سېتىۋېلىشقا بەك قىزىقىۋاتىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆز بايلىقلىرى ئۈچۈن بىخەتەر بولغان جەننەت ئىزدەۋاتىدۇ» دېگەن.

CBC نىڭ بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل كانادا دوللىرى نىسبەتەن تۆۋەن شۇنداقلا ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا بىرلىكىدىن چىقىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن، ياۋروپا بىرلىكى ۋەزىيىتى مۇقىم بولمىغانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، خىتاينىڭ كانادادا يەر زېمىن سېتىۋېلىشقا تېخىمۇ قىزىقىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا ئىكەن.

ھازىر كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئېتىبار ئارتۇش ئەپەندى كانادادا قانۇنلۇق ھالدا ئۆي مۈلۈك ۋاكالەتچىلىكى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ ۋانكوۋېردا يۈز بەرگەن ئۆي كرىزىسى مەسىلىسى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيەسىنىڭ بۇ يىل 8 - ئىيۇلدا ۋانكوۋېردىن بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋانكوۋېر شەھىرى خىتايدىكى باي مىليونېرلار پەرزەنتلىرىنىڭ شەخسى كۆڭۈل ئېچىپ ئوينايدىغان ماكانىغا ئايلىنىپ قالغان.

خەۋەردە يەنە بىلدۈرۈشىچە، مىليونېر خىتاي قىزلىرى، ئىنتايىن قىممەت باھالىق ھاراق - شارابلار، شەنەل قاتارلىق قىممەت ماركىلىق ئەتىر ۋە كىيىم - كىچىكلەر ۋە ئاپتوموبىللارنى سېتىۋالغاندىن باشقا، ھازىر ۋانكوۋېردىكى ئۆي مۈلۈك ساھەسىگە كىرىپ، بۇ يەرلەردە خىتايلارنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلمەكتە ئىكەن. ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيەسىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋانكوۋېر شەھىرىدىكى يەرلىك خەلق، خىتايلارنىڭ، ئۆيلەرنى ئەسلى باھاسىدىن ئاشۇرۇپ سېتىۋېلىشى شۇنداقلا ھەددىدىن ئاشقان ئۆي سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى سەۋەبىدىن، ئۆزلىرىنىڭ ئۆي سېتىۋالالمايۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان.

بۇ ھەقتە كانادانىڭ برىتىش كولومبىيە ئۆلكىلىك قانۇن تۇرغۇزۇش كومىتېتىنىڭ خادىمى داۋىد ئېيبى ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ: «بىز بۇنداق جىق پۇلنىڭ نەدىن كېلىۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈشكە تىرىشىۋاتىمىز، ئەمما ئوتتۇرىدىكى ئۆي ساتقۇچى ۋاكالەتچىلەر بۇ جەھەتتە كۆز يۇمۇۋېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن كانادا ھۆكۈمىتى بۇ پۇللارنىڭ ھەقىقىي مەنبەسىنى بىلىشكە ئامالسىز قېلىۋاتىمىز. شۇ سەۋەبتىن، كانادادىكى ئۆي مۈلۈك تىجارىتىنىڭ نورمال تەرتىپى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ. بىز خىتايلار مەبلەغ سېلىۋاتقان بۇ پۇللارنى قانۇنسىز پۇللار دەپ قارايمىز.»

نۇرغۇنلىغان كانادالىق سىياسەتچىلەر ۋانكوۋېردىن مىليون دوللارلىق ئۆي سېتىۋېلىۋاتقان خىتايلارنىڭ پۇلىنىڭ كېلىش مەنبەسىدىن گۇمانلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ پۇللار شان - شۆھرەت قوغلىشىش، چىرىكلىك ۋە پۇل يۇيۇش ئۈچۈن كاناداغا ئاقماقتا ئىكەن.

يېقىندىن بۇيان كانادا مەتبۇئاتلىرىدا، خىتايلارنىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدىكى مىليون دوللارلىق ئۆيلەرنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ھېچ قىينالمايلا پۇلنى ئوتتۇرىغا تاشلاۋاتقانلىقىغا ئائىت كۆپلىگەن ماقالىلەر يېزىلىۋاتقان بولۇپ، نانسى ماك - دونالد قاتارلىق 3 ئاپتور بىرلىشىپ يازغان «خىتاي كانادانى سېتىۋېلىۋاتىدۇ» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ماقالىمۇ خىتايدىكى مىليونېر بايلارنىڭ شۇنداقلا چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىگە ئېقىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ماقالىلەرنىڭ بىرى.

كانادا ھۆكۈمىتى يېقىندا ھۆججەت چۈشۈرۈپ، ۋانكوۋېر شەھىرىدىن ئۆي سېتىۋالىدىغان چەتئەللىكلەر ئۈچۈن 15% باج ئېلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.