موڭغۇلىيە بىلەن خىتاي بۈگۈن قانداق مۇناسىۋەتتە؟

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2013.10.23
mongghul-shilinghol-wilayitidiki-namayish-305.jpg شىلىنغول ۋىلايىتىدىكى موڭغۇل ئوقۇغۇچىلار نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2011-يىلى 24-ماي.
RFA/méhriban

22-ئۆكتەبىر بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن موڭغۇلىيە باش مىنىستىرى نوروۋ ئالتانخۇياگ 26-ئۆكتەبىرگە قەدەر خىتايدا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ. خىتاي موڭغۇلىيەگە نىسبەتەن مۇھىم ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى بولغان قوشنا دۆلەت شۇنداقلا، خىتايغا نىسبەتەن موڭغۇلىيە، خىتاي بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۈچىنچى بىر دۆلەت. موڭغۇلىيەنىڭ بىر پارچىسى خىتاي چېگرىسى ئىچىدە، ئۆز ئارا چېگرا ئۇزۇنلۇقى 4 مىڭ كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئورتاقلىق ھەم نازۇك زىددىيەتلەرگە تولغان.

سىياسىي ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى مۇخبىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتنىڭ داۋامىدا دەل موڭغۇلىيە بىلەن خىتاينىڭ بۈگۈنكى مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئالاھىدىلىكى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن بۇ سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.