خىتاي ھۆكۈمىتى تۈرك ۋەتەنداشلىرىغا ۋىزا قۇلايلىقى يارىتىپ بەردى
2018.01.05
ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيە پۇقرالىرىغا ۋىزا قۇلايلىقى يارىتىپ بەرگەن. تۈرك پۇقرالىرى خىتايغا بېرىش ئۈچۈن تور ئارقىلىق ۋىزىغا ئىلتىماس قىلسىلا بولىدىكەن.
«ساباھ گېزىتى» دە 1-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، خىزمەت ۋە تىجارەت بىلەن خىتايغا بارىدىغان تۈركلەردىن تەكلىپنامە تەلەپ قىلىنمايدىكەن. تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئابدۇلقادىر ئەمىن ئۆنەن ئەپەندى بۇنىڭ 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن تارتىپ رەسمىي يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
ئۇ، بۇرۇن خىتاي ۋىزىسى ئېلىش ئۈچۈن ئەلچىلىك تەلەپ قىلغان رەسمىي تەكلىپنامە ۋە باشقا ماتېرىياللارنى ئۆز قولى بىلەن خىتاي كونسۇلخانىسىغا بېرىپ، ئۇزۇن زامان ۋىزا ساقلايدىغانلىقىنى، ھازىر بولسا ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىپ، ئەلچىلىك بەرگەن ۋاقىتتا خىتاي كونسۇلخانىلىرىغا بېرىپلا ۋىزا ئالالايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
باش ئەلچى ئابدۇلقادىر ئەمىن ئۆنەن ئەپەندى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن ئۇزۇن زامان مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە خىتاينىڭ تۈرك پۇقرالىرىغا ۋىزىنى ئاسانلاشتۇرىشىغا ماقۇل بولغانلىقىنى، ئەڭ ئاخىرقى نىشاننىڭ تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ۋىزىنى بىكار قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
خىتاي ئۇزۇن يىللاردىن بېرى، بولۇپمۇ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن تۈرك پۇقرالىرىغا ۋىزا بېرىشنى قىيىنلاشتۇرغان ئىدى. بۇ سىياسەت تۈرك كارخانىچىلار، تىجارەتچىلەر ۋە ساياھەتچىلەرنى قاتتىق بىئارام قىلىۋاتقان مەسىلىلەردىن بىرى ئىدى. خىتاينىڭ بۇ يىل يانۋاردىن باشلاپ تۈرك پۇقرالىرىغا ۋىزىدا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشىدىكى سەۋەب نېمە؟ بۇنىڭدىن تۈرك ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتكەن ئۇيغۇرلارمۇ بەھرىمەن بولالامدۇ؟ كەلگۈسىدە تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ۋىزا پۈتۈنلەي بىكار قىلىنامدۇ؟ بىز بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە ئۇيغۇر ئىقتىسادشۇناس ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئەڭ كۆپ دېيىلگەن مەسىلىلەردىن بىرىنىڭ ۋىزا مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق تۈركلەرنى خۇرسەن قىلغانلىقىنى، ئەمما خىتاي يەنىلا ئۆزى خالىغان كىشىلەرگە ۋىزا بېرىشنى، گۇمانلىق دەپ قارالغانلارغا ۋىزا بەرمەسلىكنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
تۈركىيە يېقىندىن بۇيان خىتاي بىلەن يېقىنلىشىش سىياسىتى ئېلىپ بارماقتا. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى «تۈركىيە خىتايغا شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىمۇ بەزى ۋەدىلەرنى بەرگەچكە، تۈرك پۇقرالىرىغا ۋىزا ئاسانلىقى يارىتىپ بەرگەن» لىكىنى بايان قىلدى.
تۈركىيە ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچى ۋە كارخانىچىلارنىڭ كۆپى ئۇيغۇر دىيارىدا تىجارەت قىلاتتى. 2009-يىلىدىن تارتىپ خىتاي ۋىزىنى قىيىنلاشتۇرۇشقا باشلىغان ئىدى. ئۇنداقتا، خىتاينىڭ تۈرك پۇقرالىرىغا ۋىزىنى ئاسانلاشتۇرۇش سىياسىتىدىن ئۇيغۇرلارمۇ بەھرىمەن بولالامدۇ؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، خىتاي يەنە ئۆزىگە يېقىن بولغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى بۇ سىياسەتتىن بەھرىمەن قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
تۈركىيەدە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئابدۇۋاھىت ئەپەندى ئۆتكەن يىلى 6-ئايدىن تارتىپ كۆپ ساندا ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا خىتاي ۋىزا بەرگەن تەقدىردىمۇ بېرىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىقتىسادشۇناس ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى خىتاينىڭ بۇرۇنمۇ تۈركىيە پۇقراسى بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەرگە ئوخشىمايدىغان ۋىزا سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكىنى، شۇڭا خىتاينىڭ ۋىزىنى ئاسانلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا پايدىسى بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ، تۈرك مېلى سېتىلىدىغان پۈتۈن ماگىزىنلارنى خىتاي تاقىۋەتكەن بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرگە بۇ سىياسەتنىڭ پايدىسى تەگمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
تۈركىيە خىتاينىڭ رەسمىي پاسپورتى بىلەن تۈركىيەنىڭ دۆلەت كادىرلىرىغا بېرىدىغان يېشىل پاسپورتىغا ۋىزا تەلەپ قىلمايدۇ. ئەمما خىتاي 2016-يىلىدا 8 تۈرك پۇقراسىنى «مىللەتچى تەشكىلاتلارغا ئەزا ئىكەنسىلەر» دەپ ئۈرۈمچى ئايرودرومىدىن قايتۇرۇۋەتكەن ئىدى. تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسى تەكىتلىگەندەك ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ۋىزىنى يېقىن كەلگۈسىدە پۈتۈنلەي بىكار قىلىشى مۇمكىنمۇ؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ تۈرك دۆلىتىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، شۇڭا ۋىزىنى پۈتۈنلەي بىكار قىلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بايان قىلدى.