ئاۋسترالىيەنىڭ بىخەتەرلىككە ئائىت ماتېرىياللىرى خىتاي خاككىرلىرى تەرىپىدىن ئوغرىلانغانلىقى خەۋەر قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013.05.28
tor-buzar-xekker-shangxey.jpg ئامېرىكا شىركەتلىرىگە خەككەرلىك قىلغانلىقى گۇمانلانغان، لېكىن خىتاي ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئىنكار قىلىنغان، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ شاڭخەي پۇدوڭدىكى 61398 پونكىتىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2013-يىلى 20-فېۋرال، شاڭخەي.
Imaginechina

ئاۋسترالىيەدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۈگۈن خىتاي تور جاسۇسلىرىنىڭ ئاۋسترالىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسىگە ئائىت بىر قىسىم مەخپىي ئۇچۇرلارنى ئوغرىلىغانلىقىنى خەۋەر قىلغاندىن كېيىن، مەزكۇر خەۋەر ئاۋسترالىيەدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋەقەنىڭ راستلىقىنى دەلىللىمىدى، ئەمما ئۇنى ئىنكارمۇ قىلمىدى. كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر ۋەقەنىڭ ئاۋسترالىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ بىخەتەرلىك سىستېمىسىغا قارىتا بىر گۇمان پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

ئامېرىكادىكى مۇھىم شىركەت ۋە ئورگانلارنىڭ ئۇچۇر سىستېمىلىرى خىتايدىن كېلىۋاتقان تۈرلۈك جاسۇسلۇق ھۇجۇملارغا ئۇچراۋاتقان، ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئامېرىكا-خىتاي ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇھىم زىددىيەتلىك تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان بىر مەزگىلدە، ئاۋسترالىيەنىڭ مۇھىم ئورگىنى بولغان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ خىتايدىن كەلگەن تور جاسۇسلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى خەۋەر قىلىندى. بۇ خەۋەرنى ئاۋسترالىيەدىكى ئا ب س تېلېۋىزىيە قانىلى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇلار بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا، ئاۋسترالىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ يېڭىدىن سېلىنىۋاتقان باش قارارگاھ بىناسىنىڭ خەرىتىسىنىڭ خىتاي خاككىرلار تەرىپىدىن ئوغرىلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر بىنا ۋە ئۇنىڭ بىخەتەرلىك سىستېمىسىغا ئائىت بارلىق چېرتيوژلار خىتاي خاككىرلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەندىن سىرت، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى، مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ خاككىرلىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان مۇھاپىزەتچى گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاۋسترالىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ يېڭى بىناسى كانبېرراغا سېلىنىۋاتقان بولۇپ، ھازىرغىچە قۇرۇلۇشقا 630 مىليون ئاۋسترالىيە دوللىرى يەنى ئالاھازەل 401 مىليون دوللار سەرپ قىلىنغان. ئەمما بىنا پۈتۈشكە ئاز قالغاندا بۇنداق بىر ۋەقەنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى مەزكۇر بىنانى داۋاملىق ئىشلىتىش-ئىشلەتمەسلىك ھەققىدە تالاش-تارتىش ياراتقان. چۈنكى، ئاۋسترالىيەدىكى تەرەپلەرنىڭ بەزىلىرى بىنا خەرىتىسى خىتاي خاككىرلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى راست بولغان تەقدىردە، ئاۋسترالىيە بىخەتەرلىكىنىڭ مەركىزى بولغان بۇ بىنانى ئىشلىتىشنى نامۇۋاپىق دەپ قارىماقتا. ئەمما ھۆكۈمەت ۋە ھۆكۈمەتكە قاراشلىق شەخسلەر بولسا، مەزكۇر كۆز قاراشنى رەت قىلىپ، بىنانىڭ خەۋپسىزلىك سىستېمىسىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈكلۈكىنى، قۇرۇلۇشقا ئۆزگىرىش كىرگۈزۈشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋەقەگە ئىنكاس قايتۇرۇشتا ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ راستلىقىنى ئىنكارمۇ قىلمىدى. بۈگۈن ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بوب كار بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ئۆزىنىڭ تور جاسۇسلۇق ھۇجۇمىنى راستىنىلا خىتاينىڭ قىلغان-قىلمىغانلىقى ھەققىدە بىر ئىپادە بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى، ئاخبارات ۋە خەۋپسىزلىككە ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلانمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى شۇنداقلا بۇ ۋەقە ئاۋسترالىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، دەپ ئەسكەرتتى.

ئەمما ئاۋسترالىيە ئا ب س تېلېۋىزىيە قانىلى، خاككىرلىق ھۇجۇملىرىنىڭ ئىلگىرىكىدىن جىددىيلىكىنى ۋە بۇنىڭ سانىنىڭمۇ كۆپلۈكىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي خاككىرلىرىنىڭ ھۇجۇمى پەقەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ قارارگاھى چېرتيوژىنىڭ ئوغرىلىنىشى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. خاككىرلار ئاۋسترالىيەدىكى چوڭ شىركەتلەرگە ئىلگىرىكىدىنمۇ كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، ئاۋسترالىيەدىكى پولات-تۆمۈر پىششىقلاش، ھەربىي قورال ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت-كارخانىلارنىڭ ھەممىسى خىتاي خاككىرلارنىڭ ئاساسلىق جاسۇسلۇق نىشانى ئىكەن. خىتاينىڭ ئۇچۇر-ئالاقە شىركىتى خۇاۋېي شىركىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىقلىقى ھەققىدە داۋا ئېچىلغاندىن كېيىن، خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئۇچۇر-تور سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئېلىشى چەكلەنگەن ئىدى. ئالدىنقى يىلى ئاۋسترالىيە بانكىسىمۇ خىتاي خاككىرلىرىنىڭ 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەرگە ئائىت ماتېرىياللارنى ئوغرىلاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خىتايدىن كېلىۋاتقان تور ھۇجۇملىرى ھازىر ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى. ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى پەنتاگون بۇ يىل ئېلان قىلغان يىللىق خەۋپسىزلىك دوكلاتىدا تۇنجى قېتىم خىتاينى ئوچۇق-ئاشكارا تىلغا ئېلىپ، خىتاينى ئامېرىكا خەۋپسىزلىك سىستېمىسىغا سۇقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. ئۇلار دوكلاتتا مەسىلىنىڭ جىددىيلىكىنى ئىپادە قىلىپ «خىتاي ئىنتېرنېت تور دۇنياسىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكانىڭ تېخنىكا ۋە ئىقتىسادىي مەخپىيەتلىكىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى ئوغرىلاشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇلارنىڭ جاھىللىق بىلەن قىلىۋاتقان جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى ئامېرىكانىڭ خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلماقتا» دەپ يازغان.

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىگە پىكىر بايان قىلغان ئالاقىدار ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرغىچە ئامېرىكادا بايقالغان مانا مۇشۇنداق تور جاسۇسلۇقى ۋەقەلىرىدە نۇرغۇن چوڭ شىركەتلەر قاچان فېدىرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى خادىملىرى ئۇلارنىڭ ئىشىكىنى قېقىپ، ئۇلارغا ئۇچۇرلىرىنىڭ ئوغرىلانغانلىقىنى ئېيتىپ بەرمىگۈچە ئەھۋالدىن بىخەۋەر يۈرگەن بولۇپ، بۇ دېگەنلىك خىتاي ئۈچۈن مىلياردلارچە دوللار پايدا دېگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۇ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ھەربىي ئەمەلدار «خىتاي ھازىرغىچە مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق 25 يىللىق ئىزدىنىش ۋە تەرەققىياتنى ئىقتىساد قىلىۋالدى» دېگەن.

ئەمما يۇقىرىقىدەك دوكلاتلارغا قارىماي، خىتاي ھۆكۈمىتى تور جاسۇسلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ ئۆزلىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىزلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇڭ لېي ئاۋسترالىيەنىڭ بىخەتەرلىك قارارگاھىنىڭ چېرتيوژىنىڭ ئوغرىلىنىش مەسىلىسىگە ئىنكاس قايتۇرغاندا ئوخشاشلا بۇنى «ئاساسسىز» دەپ كۆرسەتتى ۋە بۇ خىل قارىلاشلار مەسىلىنى ھەل قىلمايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان دۆلەتلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئاۋسترالىيەدىكى يېشىللار پارتىيىسى بولسا ھۆكۈمەتنى ۋەقە ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا، ئاۋسترالىيەنىڭ خەۋپسىزلىكىگە بېرىپ تاقىشىدىغان ئىشتا ئەستايىدىل بولۇشقا چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.