خوڭكوڭدا داۋاملىشىۋاتقان دېموكراتىيىنى تەلەپ قىلىش نامايىشىنى خىتاي ھۆكۈمىتى «چەتئەل كۈچلىرىنىڭ قۇتراتقۇلۇقى بار»، «مۇستەقىللىققا ئۇرۇنۇش» دەپ ئەيىبلىدى. ئەمما دېموكراتىيىنى تەلەپ قىلىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرى، «خوڭكوڭ نامايىشى خىتايغا دېموكراتىيە ئۈمىدىنى ئېلىپ كەلدى» دەپ تەرىپلىدى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «چېچىنى چۈشۈرۈۋېتىش، يىغىلىش ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، خوڭكوڭلۇقلارنى قوللاش» چاقىرىقلىرى بارلىققا كەلدى.
20-ئۆكتەبىر دۈشەنبە كۈنى خوڭكوڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دېموكراتىك نامايىشى 23-كۈنىگە قەدەم قويدى. نۆۋەتتە خوڭكوڭ نامايىشىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ خوڭكوڭ نامايىشىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى خوڭكوڭ سىياسىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشى ۋە خوڭكوڭ نامايىشىنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىشى قاتارلىقلار دۇنيا جامائەتچىلىكىنى قىزىقتۇرماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، 18-، 19 -ئۆكتەبىر كۈنلىرى خوڭكوڭدا داۋاملىشىۋاتقان نامايىشتا نامايىشچى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن، خىتاي تەرىپىدىن خوڭكوڭغا تەيىنلەنگەن باش ۋالىي لياڭ جېنيىڭ ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى نامايىشچى ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييارلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ 19-ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، «خوڭكوڭ نامايىشىنىڭ كەينىدە چەتئەل كۈچلىرىنىڭ قۇتراتقۇلۇقى بار» دەپ ئەيىبلىگەن. خىتاينىڭ خەلق گېزىتىمۇ يەكشەنبە كۈنى باش ماقالە ئېلان قىلىپ، «خوڭكوڭدا داۋاملىشىۋاتقان نامايىش نامدا دېموكراتىك سايلامنى تەلەپ قىلىش دەپ ئاتالسىمۇ، ئەمما نامايىشچىلارنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى خوڭكوڭنى مۇستەقىل قىلىشقا ئۇرۇنۇش» دەپ ئەيىبلىدى. خەلق گېزىتى ئېلان قىلغان باش ماقالىدە يەنە، خوڭكوڭ نامايىشى «يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ئازدۇرۇپ، قالايمىقانچىلىق چىقىرىشى» دەپ ئەيىبلىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ خوڭكوڭ نامايىشىغا قارىتا «قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، خوڭكوڭدا تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى» تەكىتلەندى.
خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭ نامايىشىنى ئەيىبلەۋاتقان شارائىتتا، چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە «خوڭكوڭلۇقلارنىڭ دېموكراتىيىنى تەلەپ قىلىش نامايىشىنى قوللاش» چاقىرىقى كۈچەيدى. ھەتتا خىتاي تىلىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ خىتاي تورداشلىرى خوڭكوڭ نامايىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، خوڭكوڭلۇقلارنى نامايىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ «خوڭكوڭلۇقلارنىڭ نامايىشىنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ياشاۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ دېموكراتىيە چۈشىنىڭ بالدۇرراق ئەمەلگە ئېشىشىغا زور مەدەت» بولغانلىقى تەرىپلەندى. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە تۋىتېر تورىدا «چېچىنى چۈشۈرۈۋېتىش ئارقىلىق خوڭكوڭلۇقلارغا مەدەت بېرىش»، ماسكا تاقاپ، چوڭ شەھەرلەردىكى خەلق مەيدانلىرىغا يىغىلىش ئارقىلىق خوڭكوڭ نامايىشچىلىرىغا مەدەت بېرىپ ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى قوللاش پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلەش چاقىرىقلىرى تارقالغان. تۋىتېر تورىغا يوللانغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، چېچىنى پۈتۈنلەي چۈشۈرۈۋېتىش ئارقىلىق خوڭكوڭ نامايىشىنى قوللاش پائالىيىتىگە ئاياللارمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، تۋىتېر تورىدىكى باش سۈرەتلىرى ئارىسىدا تاقىرباش ئاياللارنىڭ سۈرەتلىرىمۇ بارغانچە كۆپەيگەن.
رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ يەكشەنبە كۈنى خوڭكوڭدىن بەرگەن نەق مەيدان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خوڭكوڭدىكى نامايىشچىلار ئارىسىغا خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن كەلگەن پۇقرالارمۇ قوشۇلغان. مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سەندۇڭلۇق ۋاڭ لىخېڭ ئەپەندى نامايىشچىلار ئارىسىدا ئۆزىگە ئوخشاش چوڭ قۇرۇقلۇقتىن كەلگەن باشقا خىتاي پۇقرالىرىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، «شىياڭگاڭدا داۋاملىشىۋاتقان نامايىش، دېموكراتىيىگە تەشنا بولغان جۇڭگو پۇقرالىرىغا ئۈمىد ئېلىپ كەلدى» دېگەن.
شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ زىبو شەھىرىدىن خوڭكوڭغا كېلىپ نامايىشقا قاتناشقان ۋاڭ لىخېڭ ئەپەندى قولىغا ئاق رەڭلىك كۈنلۈك كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، كۈنلۈككە «مەن چوڭ قۇرۇقلۇقتىن سىلەرنىڭ نامايىشىڭلارنى قوللاش ئۈچۈن يېتىپ كەلدىم. بۈگۈن خوڭكوڭدا دېموكراتىك سايلامنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىرلىكتە كۈرەش قىلايلى. ئەتە چوڭ قۇرۇقلۇقتا دېموكراتىيىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە ئاۋاز قوشايلى! شياڭگاڭ خەلقى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى ياشىسۇن!» دېگەن ئىبارىلەر يېزىلغان. ۋاڭ لىخېڭ ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ ھاياجانلىق كەيپىياتى ۋە خوڭكوڭ نامايىشىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېگەن: «مەن نامايىشنى قوللاش ئۈچۈن چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى زىبو شەھىرىدىن كەلدىم. خوڭكوڭ خەلقى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشىنى كۆرۈپ قاتتىق تەسىرلەندىم. مەن چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە خوڭكوڭدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشىغا شەھەر پۇقرالىرىنىڭ نارازى بولۇپ قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەنلىكى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ خوڭكوڭدىكى مەركىزى مەيداننى ئىگىلەش ھەرىكىتىنى پۇقرالار تىرىكچىلىك يولىمىزنى ئېتىۋەتتى دەپ شىكايەت قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى كۆردۈم. ئەمما مېنىڭ بىلىشىمچە، ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نامايىشىغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش ‹خوڭكوڭ پۇقرالىرى› ئەمەلىيەتتە پۇل بېرىپ ياللىۋېلىنغان كىشىلەر. ئەمما مەن ئۇنداق ئەمەس، مەن خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك نامايىشىنى قوللاش ئۈچۈن ئالايىتەن كەلدىم. چوڭ قۇرۇقلۇقتا ماڭا ئوخشاش خوڭكوڭ نامايىشىنى قوللىغۇچى نۇرغۇن كىشىلەر بار. بىز خوڭكوڭ نامايىشىنىڭ غەلىبە قازىنىشىغا تىلەكداشمىز.»
ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى خىتاي چوڭ شەھەرلىرىدە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، تەقىب قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا خوڭكوڭ نامايىشىنى قوللاش پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلىگەنلەر، خوڭكوڭ نامايىشى باشلانغاندىن بۇيان چېچىنى چۈشۈرۈپ تاقىرباش بولغانلار تۇتۇش ئوبيېكتى قىلىنغان، ساياھەت نامىدا خوڭكوڭغا كەلمەكچى بولغانلار ئاگاھلاندۇرۇلۇپ، قاتتىق تەكشۈرۈلگەن ۋە تەقىب ئاستىغا ئېلىنغان.
رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاڭ لىخېڭ ئەپەندى ساقچىلارنىڭ ئۆزىنى تۇتقۇن قىلىشىدىن ئەنسىرىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى«مەن خوڭكوڭ نامايىشىنى قوللىغانلىقىم ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ جازالىنىشتىن ئەنسىرىمەيمەن. ئۇلار ئۆلتۈرۈۋەتسىمۇ مەن بۇ قىسمەتكە تەييار. چۈنكى مانجۇ خانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىمۇ دېموكراتىيە ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەن تەن سىتۇڭدەك كىشىلەر چىققان. ئۇلارنىڭ( يەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ)ھازىر كىشىلەرنى جازالاش ۋە قورقۇتۇش تاكتىكىسىدىن باشقا ئامالىمۇ قالمىدى.»
شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرىدىكى خوڭكوڭ نامايىشىدا خوڭكوڭ ۋالىي مەھكىمىسى ئالدىدىكى مەيداندا نامايىش قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن خوڭكوڭ ساقچىلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا خوڭكوڭ ساقچىلىرىنىڭ نامايىشچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا مەتبۇئات خەۋەرلىرىدە خوڭكوڭ ساقچىلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن «نامايىشقا قارشى تۇرغۇچى ئامما» دەپ ئاتالغان سالاھىيىتى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇرۇپ بېشى يېرىۋېتىلگەن نامايىشچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۈرەتلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار تاياق يېگەن نەق مەيدان سىنئالغۇ فىلىملىرى بېرىلىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ خوڭكوڭ نامايىشىنى باستۇرۇش ھەرىكىتى ئەيىبلەندى.
20-ئۆكتەبىر دۈشەنبە كۈنىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يەكشەنبە كۈنى كەچقۇرۇندىن باشلاپ نامايىش مەيدانىدا تىنچ ۋەزىيەت ئەسلىگە كەلگەن بولۇپ، نامايىشچى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار نامايىشىغا قارشى نامايىش قىلغان ئاتالمىش «نامايىشقا قارشى پۇقرالار» ئارىسىدا بىر-بىرىنى تىللاش قاتارلىق يېنىك سۈركىلىش يۈز بەرگەندىن باشقا، ئۆز-ئارا شىددەت ھەرىكەتلىرى كۆرۈلمىگەن.
21-ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى خوڭكوڭدىكى نامايىشچىلار ۋەكىلى بىلەن خوڭكوڭ ۋالىي مەھكىمىسى ئوتتۇرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش قارار قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما دۈشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىرقىسىم نامايىشچىلار ئەتە ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەت نەتىجىسىگە ئۈمىد باغلىمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەگەر دائىرىلەر نامايىشچىلار ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەرنى قوبۇل قىلمىسا، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتتىن كېيىنمۇ نامايىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇ سەۋەبلىك قولغا ئېلىنىش قاتارلىق ئاقىۋەتلەرگە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.