ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدا پائالىيەت ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00


ياپونلار ھەر يىلى ئاۋغۇست ئېيىڭ 13 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگە قەدەر بۇددا دىنىنىڭ قائىدە - ئەھكاملىرى بويىچە ئەرۋاھلارنىڭ روھىنى كۈتۈۋېلىش ۋە ئۇزىتىشتىن ئىبارەت ئۈچ كۈنلۈك روھلار بايرىمى ئۆتكۈزىدۇ.ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ باش ئۇرۇپ،شام يېقىپ ئۆز ئەجدادلىرىغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرىدۇ.

15 - ئاۋغۇست كۈنى ياپونلار يەنە 2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرىلاشقانلىقىنى خاتىرىلەيدۇ.

ياپونلارنىڭ بۇ دىنىي بايرىمىدىن پايدىلانغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ماھمۇتنىڭ يېتەكچىلىكىدە 15 - ئاۋغۇست كۈنى توكيودىكى ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدا تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تارقاتقان. رەڭلىك رەسىملەر بىلەن باستۇرۇلغان ۋاراقچىلاردا ئۇيغۇر ئېلىدا يېقىندا يۈز بەرگەن «يەكەن ۋەقەسى»گە ئوخشاش پاجىئەلىك ۋەقەلەر توغرىسىدا مەلۇماتلار بېرىلگەن.

تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تارقىتىش پائالىيىتى ئەتىگەن سائەت يەتتە يېرىمدىن چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتكە قەدەر داۋاملاشقان.

بىز مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ ئىلھام ماھمۇت بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.