ياپونىيە ئىچكى كابىنېتىنىڭ يېڭىدىن تەشكىل قىلىنىشى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان تەسىرى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.08.03
shinzo-abe-ghelibe.JPG ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې قوللىغۇچىلىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە. 2013-يىلى ئىيۇل، ياپونىيە.
RFA/Qutluq

6-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ تارقىۋېتىلگەن ياپونىيە ئىچكى كابىنېتى ۋە ياپونىيە پارلامېنتى ئىككى ئايدىن بۇيان سايلام ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنتىكى ۋەكىللىرىنى سايلاپ چىقتى.

ياپونىيە ئىچكى كابىنېتى قانۇنىغا ئاساسەن پارلامېنت ۋەكىللىرى سايلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن باش ۋەزىر ئۆز ئالدىغا ئىچكى كابىنېتنى قايتىدىن تەشكىللەپ ھەر قايسى مىنىستىرلىقلارغا يېڭىدىن مىنىستىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدىكەن.

ياپونىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى ن خ ك نىڭ 3-ئاۋغۇستتىكى چۈشلۈك خەۋىرىدە، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېينىڭ يېڭىدىن تەشكىللەنگەن كابىنېتى 19 نەپەر ئىچكى كابىنېت ئەزاسىنى يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

2-ئاۋغۇست كۈنى ياپونىيە ئىچكى كابىنېتى 2016-يىللىق «دۆلەت مۇداپىئەسى ئاقتاشلىق كىتابى» نى ئېلان قىلىپ خىتاينىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى پائالىيەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى.

2-ئاۋغۇستتىن 3-ئاۋغۇستقىچە بولغان ياپونىيە ئىچكى كابىنېتىدىكى بۇ خىل ئۆزگىرىشلەردىن ياپونىيەدىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ياپون-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ سوغۇقلىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بىراق، ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بولسا ياپونىيەدە ئۇيغۇر داۋاسىغا پايدىلىق بىر مۇھىتىنىڭ ھازىرلىنىۋاتقانلىنى بىلدۈرمەكتە.

بىز يۇقىرىقى قاراشلار توغرىسىدا ئالدى بىلەن ياپونىيەدە نەشر قىلىنىدىغان خىتاي تىلىدىكى «خىتايغا نەزەر»، ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، مانجۇ ئايال يازغۇچى مېڭشا خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مېڭشا خانىم: «ياپونىيە ئىچكى كابىنېتى ئېلان قىلغان 2016-يىللىق دۆلەت مۇداپىئەسى ئاقتاشلىق كىتابىدا جۇڭگونىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى پائالىيەتلىرىنى ئەيىبلىگەندە قوللانغان ئىبارىلەر ئىلگىرىكى ئاقتاشلىق كىتابلاردىكىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك، كىتابتا تىلغا ئېلىنىشىچە، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ قېتىم سانى ئاشقان. شۇڭا ياپونىيە بۇ جەھەتتە جۇڭگوغا بەلگىلىك تەدبىر قوللىنىشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايمەن» دېدى.

يازغۇچى مېڭشا خانىم، باش ۋەزىر شىنزو ئابېنىڭ يېڭىدىن تەشكىللىگەن ئىچكى كابىنېت ئەزالىرىدىن يېڭىدىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان تومومى ئىنادا خانىم ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكى ناھايىتى كۈچلۈك ئايال. ئىلگىرى ئىچكى كابىنېتتا ۋەزىپە ئۆتىگەندىمۇ ياسۇكۇنى بۇزۇركۋارلار قەبرىستانلىقىغا بىر قانچە قېتىم تاۋاپقا بېرىپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن ئىدى» دېدى.

ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە بولغان يېڭى كابىنېتنىڭ تەسىرى توغرىسىدا توختالغان مېڭشا خانىم: «يېڭى كابېنتنىڭ تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇللارغا بولغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدىكى مەيدانى ئۆزگەرمەيدۇ. ئىلگىرىدەكلا بولىدۇ» دېدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بۇ قېتىمقى ياپونىيە يېڭى ئىچكى كابېنتىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىلگىرىدىن تارتىپلا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە قويۇلۇشى ئۇيغۇر داۋاسىغا تولىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا قىسقىچە توختالدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت شىنزو ئابې ئىچكى كابىنېتىنىڭ يېڭىدىن تەشكىللىنىشى ياپونىيەنىڭ خىتايغا بولغان تاشقى سىياسىتىدە بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىگە بولغان تەھدىتىدىن ياپونىيە ھەربىي جەھەتتىن ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈشكە ۋە ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ رايون بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا ئۆتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ياپونىيەدىكى سىياسىي ئوبزورچى مىئۇرا كوتارو خىتاي-ياپون مۇناسىۋىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى كەلگۈسى ھەققىدە توختىلىپ: «خىتاي ئۆزى بىلەن قوشنا بولغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىشى، يەنى زېمىن مەسىلىلىرىدە خەلقئارا قانۇنغا ئەمەل قىلىشى كېرەك. شۇندىلا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى زىددىيەت پەسىيىپ دوستلۇق كۈچىيىدۇ. ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىدىن سۆز ئېچىش بىرئاز تەس» دېدى.

ئىلھام ماھمۇت سۆزىدە يەنە، ياپونىيە ئىچكى كابىنېتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرىستىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

سىياسىي ئوبزورچى مىئۇرا كوتارو ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر داۋاسىغا بولغان يېڭى كابېنتنىڭ سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ: «بۇ يەردىكى تۈپ مەسىلە، شىنزو ئابې ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان پوزىتسىيىسى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر داۋاسىنى ياپون خەلقىگە قانداق ئاڭلىتىش ۋە ياپون خەلقى ئارقىلىق ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش مەسىلىسى. مېنىڭچە، ئابېنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان مەيدانى يەنىلا ئىلگىرىكىدەك قوللاشتىن ئىبارەت دەپ قارايمەن» دېدى.

ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېڭىدىن تەشكىللەنگەن ئىچكى كابىنېت ئەزالىرىدىن 19 نەپىرى ھەر قايسى مىنىستىرلىقلارغا يېڭىدىن مىنىستىرلىققا تەيىنلەنگەن بولۇپ، ئۇلار پات يېقىندا قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالىدىكەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.