شۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولىم شەھىرىدىكى شۋېتسىيە ھەربىي مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يىغىن زالىدا، 17 - مارت چۈشتىن كېيىن 15 «ياپونىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنى شۋېتسىيەدىكى تاشقى سىياسەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يىغىنغا ئاساسلىق شۋېتسىيەدىكى دىپلوماتلار، سىياسەتچىلەر، تارىخچىلار،ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى، ئوقۇغۇچىلىرى، ياپونىيە ۋە خىتاي ئەلچىخانىلىرىنىڭ خادىملىرىدىن بولۇپ كۆپلىگەن كىشلەر قاتناشتى.
يىغىنغا شۋېتسىيىلىك ياپونىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى تەتقىقاتچىسى لىنسخاۋتىرەم LinusHagstrِm رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ئەنگىلىيە مانچېستىر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياپونىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى بويىچە دوكتور شاۋگۇ سۇزۈكى shogo suzuki لىكسىيە سۆزلىدى.
لىكسىيەدە مەركەزلىك ھالدا، ياپونىيە - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىى، جۇغراپىيەلىك مۇناسىۋەتلەر، ياپونىيەنىڭ ھەربىي خىراجىتىنى ئاشۇرۇش قارارىنىڭ خىتاي سىياسىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى، خىتاينىڭ قانداق كىملىك يارىتىش سىياسىتى، خىتاينىڭ خەلقئارالىق چوڭ كۈچ بولۇشىدىكى توسالغۇلار قاتارلىق مەزمۇنلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز، يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان، شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان سىياسىي پائالىيەتچى نىجات تۇرغۇننى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ خىتاينىڭ خەلقئارالىق چوڭ كۈچ بولۇشىدىكى توسالغۇلار ھەققىدىكى لىكسىيە تەسىراتىنى بايان قىلدى ھەمدە بۇ خىلدىكى لىكسىيە سۆزلەشلەرگە قاتنىشىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.
0:00 / 0:00