ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى
2016.05.28

2016 - يىلى 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر - خەلقلەر تەشكىلاتى، گېرمانىيە خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى ۋە يېقىندا ياۋروپادا قۇرۇلغان «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» ناملىق ئاممىۋى گۇرۇھ - تەشكىلاتلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئىلھام توختىغا ئائىت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلاردىن باش شتابى گېرمانىيەدىكى «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» نىڭ رەئىسى شۇنداقلا «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ئەنۋەرجان ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئەنۋەرجان ئەپەندى ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ۋە يىغىننىڭ ئېلىپ بېرىلىش جەريانى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئەنۋەرجان ئەپەندى بۇ قېتىمقى يىغىنغا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئامېرىكا، ياۋروپادىن بىر تۈركۈم ئالىم، تەتقىقاتچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قاتناشقانلىقىنى ھەمدە مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئىككى بۆلۈم بويىچە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، ھەر بۆلۈمدە 4 نەپەردىن جەمئىي 8 نەپەر ئادەمنىڭ ماقالە ئوقۇغانلىقىنى ئېيتتى.
1 - بۆلۈمدە ئاساسەن ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى، مۇھاجىرلار مەسىلىسى، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ مەنبەسى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرى ھەققىدىكى ماقالىلەر؛ 2 - بۆلۈمدە بولسا، مەخسۇس ئىلھام توختىنىڭ ھاياتى، ئىلمىي ئەمگەكلىرى، ئۇنىڭ خىتاي - ئۇيغۇر دوستلۇقىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى ۋە ئاخىرىدا ناھەق تۈرمىگە تاشلانغانلىقى، ئۇنىڭ ھەتتا خىتاي زىيالىيلىرى تەرىپىدىنمۇ قوللاپ - قۇۋۋەتلەنگەنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بۇنداق تىنچلىقپەرۋەر ئىنساننىڭ خەلقئارا سەھنىدە ساخاروف مۇكاپاتى ۋە باشقىمۇ مۇكاپاتلارغا كۆرسىتىلىشى ھەقلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىن مەقسىتىنىڭ ئىلھام توختىنى ساخاروف مۇكاپاتىغا نائىل قىلىش ئۈچۈن جامائەت پىكرى ھازىرلاش ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسىنى ياۋروپا پارلامېنتىدا كۈنتەرتىپكە ئەكېلىش ئارقىلىق نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە دۇنيانىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم جەلپ قىلىش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە، ئىلھام توختى مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي دەۋا ئىشلىرى ھەم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن تەسىرى ھەققىدىمۇ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. ئاخىرىدا ئۇ ئىلھام توختى مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۇيغۇرلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنى ئىزھار قىلدى. ئەنۋەرجان ئەپەندى ئاخىرىدا بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئېلىنغان قارار ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتى.