خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى تۈركىيەگە تۇتاشتۇرىدىغان بىر تىز سۈرەتلىك تۆمۈريول قۇرۇلۇشىغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزگەن تۈركىيەدىكى بەزى مۇلاھىزىچىلەر خىتاينىڭ مەزكۇر خەۋەرنى پەقەت تۈركىيە خەلقىنىڭ دىققىتىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىدىن بۇراش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
تۈركىيە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار ئەپەندى خىتاينىڭ ئىلگىرىمۇ تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشتىن ئىبارەت يالغان ۋەدىلەرنى بەرگەنلىكى، بۇ نۆۋەت تۈركىيەگە تۇتاشتۇرۇلىدىغان 150 مىليارد دوللارلىق تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنىڭمۇ يالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي دائىرىلىرى 5 - ئىيۇل ئۇيغۇر ئېلىدىن باشلىنىپ قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، ئىران، تۈركىيە ۋە بۇلغارىيە قاتارلىق ئەللەرگە تۇتىشىدىغان ئومۇمىي مۇساپىسى 6 مىڭ كىلومېتىرلىق بىر تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
«ھۆرىيەت» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ ئىستانبۇل ئارقىلىق ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان بۇ تۆمۈر يول پىلانى ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا گېئوپولىستىكا جەھەتتىكى مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ ئۆز - ئارا كېلىشىشى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ ئىش پىلاننىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى قىيىن مەسىلىلەر ھەل بولۇشى كېرەك ئىكەن.
«مىللەت» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ 4 تىرىليون دوللاردىن ئارتۇق تاشقى تىجارىتىنىڭ تەخمىنەن يېرىمى ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىكەن، ئەمما بۇ تىجارەت ھازىرغىچە دېڭىز يولى بىلەن ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن.
«دۇنيا بۇلتەنى» تور گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى بىلەن دېڭىز ئىختىلاپلىرى بولغاچقا، مەزكۇر تۆمۈريول پىلانى خىتاي ئۈچۈن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
ئىستانبۇلدىكى مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان «خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى يېڭى چۈشەنچە ھەرىكىتى دېگەن» تېمىدىكى ماقالىسىدە، خىتاينىڭ بۇ خەۋەرنى «5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نى تۈركىيە كۈنتەرتىپىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ۋە خەلقنىڭ پىكرىنى ئۆزگەرتىش مەقسىتىدە بۇ خەۋەرنى 5 - ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇلھەمىت ئاۋشار ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغان كۈننى كۆز ئالدىمىزغا قويۇپ تۇرۇپ تەپسىلاتىغا دىققەت بىلەن قارالغاندا، دىققەتنى بۇراش ۋە جامائەت پىكرىنى بۇرمىلاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلىقىنى روشەن كۆرۈۋالغىنى بولىدۇ. ئۇلار ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى تۈركىيەگە باغلايدىغان بىر يول ياسايدىغاندەك چۈشەنچە بېرىدۇ، يەنى جامائەتتە خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۆپ مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ، دېگەنگە ئوخشاش چۈشەنچە پەيدا قىلماقچى بولغان. ئىككىنچىدىن، خىتاينىڭ بۇنى 2009 - يىلىدىكى «5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ خاتىرە كۈنىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە نىسبەتەن تۈركلەردە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان غەزەپ - نەپرەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە ئېلان قىلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.
خىتاينىڭ ئەڭ كۆپ قورقىدىغىنى تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى قوللىشى. چۈنكى تۈركىيەنىڭ قوللىشى باشقا دۆلەتلەردىن پەرقلىق بولۇپ ئۇنىڭ تەسىرىنىڭ بەك كۈچلۈك ۋە چوڭقۇر بولىدىغانلىقىنى خىتاي ياخشى بىلىدۇ. بۇنىڭ، ئىلگىرىكىگە ئوخشاش خىتاي دەرھال ئىقتىسادىي يول بىلەن تۈركىيە جامائىتىنى تەسىرلەندۈرۈش يولىنى تاللىدى. ئۈرۈمچى ۋەقەلەردىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈركىيەگە 40 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىشتىن ئىبارەت يالغان ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشمىدى.
دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار خىتاينىڭ بۇ پىلانىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى بۇ بىر تەتۈر تەشۋىقات قىلىش ئۈچۈنلا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
0:00 / 0:00