زەيتىنبۇرنۇدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلار بۇ نۆۋەت تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يەرلىك سايلامدا ئۇتۇپ چىقىشىنى كۆزلەۋاتقان ھەرقايسى پارتىيىلەرنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلانغان.
بۇ مەزگىلدە تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغان قاتارلىق دۆلەت ئەربابلىرىمۇ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرسە، تۈركىيەدىكى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى قاتارلىق پارتىيىلەر زەيتىنبۇرنۇغا كېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىغا ئېرىشىش ئۈچۈن پائالىيەتلەرنى باشلىۋەتكەن.
2014 - يىلى 30 - مارت يەكشەنبە كۈنى پۈتۈن تۈركىيەدە يەرلىك سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ ۋە ھەر قايسى شەھەر باشلىقلىرى، مەجلىس ئەزالىرى يېڭىدىن سايلىنىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيەدىكى 26 سىياسىي پارتىيە بۇ سايلامدا ئۇتۇپ چىقىش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەر ۋە رايونلىرىدا جىددىي خىزمەت - پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.
ئۇلار تۈركىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كۈچلەندۈرۈش، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەردە يېڭى - يېڭى پىلانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ رىقابەت بىلەن نۇتۇق سۆزلەۋاتىدۇ.
ھازىر بۇ سايلامدا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى، دېموكراتىيە تىنچلىق پارتىيىسى قاتارلىق پارتىيىلەرنىڭ نامزاتلىرى ئەڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان پارتىيىلەردۇر.
ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ ناھىيىسى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان بىر رايون، بۇ رايوندىكى سىياسىي پارتىيە شۆبىلىرى ئۇيغۇر، قازاق جەمئىيەتلەرنى زىيارەت قىلىپ ئۇلارنى ئۆزلىرىگە ئاۋاز بېرىشكە چاقىرىق قىلماقتا.
مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى، بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى، سائادەت پارتىيىسى قاتارلىق پارتىيىلەرنىڭ رەئىسلىرى سايلام نۇتۇقلىرىدا، ھازىرقى ھۆكۈمەتنى باشقۇرۇۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنى ئۇيغۇرلارغا يېتەرلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلمىگەنلىك بىلەن ئەيىبلەپ تەنقىد قىلماقتا.
بۇ قېتىمقى تۈركىيەنىڭ يەرلىك سايلىمىدا زەيتىنبۇرنۇدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق، تۈركمەن، ئۆزبېك خەلقلەرمۇ ئۆز ئىچىدىن بىرەر كىشىنى نامزات كۆرسەتكەن بولۇپ، بەزىلىرى نامزاتلىققا قوبۇل قىلىندى، بەزلىرى قوبۇل قىلىنمىدى.
زەيتىنبۇرنۇدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىي يۇنۇس ئارتىش ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىسىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شەھەرلىك مەجلىس ئەزالىقىغا نامزات كۆرسىتىلگەن بولۇپ، نەتىجىدە نامزاتلىقى قوبۇل بولمىدى.
نامزات سانى 33 كىشى بىلەن چەكلەنگەن بولغاچقا، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىدىن 120 كىشى نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن، بۇلاردىن 33 كىشى تاللانغان بولۇپ يونۇس ئارتىشقا سان يەتمىگەن.
ئەمما، زەيتىنبۇرنۇ شەھەرلىك مەجلىس ئەزالىقىغا تۈركىستانلىقلارغا ۋاكالىتەن بىر تۈركمەن ۋە بىر قازاق نامزات بولغان.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، شەرقىي تۈركىستانلىق قازاق ئائىلىنىڭ ئوغلى بولغان ئىلياس ساكا ئۇزۇن زاماندىن بۇيان زەيتىنبۇرنۇ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولۇپ خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىن كېيىن بۇ خىزمىتىنىڭ داۋام قىلىش - قىلماسلىقى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ سايلامدا ئۇتۇپ چىقىشىغا باغلىق.
مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسىدىن شەھەرلىك مەجلىس ئەزالىقىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلەر ئارىسىدا شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ سابىق باش كاتىپى سەركان دېنچتۈرك ئورۇن ئالدى. ئەگەر مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى زەيتىنبۇرنۇدىكى سايلامدا ئۇتۇپ چىقالىغان تەقدىردە سەركان دېنچتۈرك زەيتىنبۇرنۇ شەھەرلىك مەجلىس ئەزاسى بولۇپ سايلىنىدۇ.
مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى 15 كۈندىن بۇيان زەيتىنبۇرنۇنىڭ ئەڭ ئاۋات مەركىزى بولغان 58 - بۇلۋار پىيادىلەر يولىغا چوڭ بىر قازاق چېدىرى قۇرغان بولۇپ، چېدىرنىڭ ئەتراپىغا، تۈرك، قازاق، ئۇيغۇر، قىرغىز، تۈركمەن، ئۆزبېك، ئەزەربەيجان بايراقلىرىنى ئېسىپ پائالىيەت قىلماقتا.
مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى بۇ سايلامدا ئۇتۇپ چىقسا، زەيتىنبۇرنۇدا تۈرك دۇنياسى قۇرۇش، 7 قەۋەتلىك تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت مەركىزى بىناسى ياساپ، ھەر بىر قەۋەتنى بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزى قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ خەلقنى ئۆزىگە ئاۋاز بېرىشكە چاقىرماقتا.
بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى نامزاتى فەتھى ئەخمەت ئالپئارسلان ۋە مەجلىس ئەزاسى نامزاتى سەركان دېنچتۈركلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
فەتھى ئەخمەت ئەپەندى ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولسۇن، ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان تۈرك بولسا ئۇلارنىڭ دەرد - ئەلەملىرى بىزنىڭ دەرد - ئەلەملىرىمىزدۇر. شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇمنى بىلىمىز. بۇ بىرلىكىمىزنىڭ ئىچىدە شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك نۆۋىتى كەلدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە بېسىمنى بىلىمىز، بىز ئۇلارنىڭ ئاۋازى، نىداسى بولىمىز. تىلدا، ئىشتا، پىكىردە بىرلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەممىمىز جاپالىق ئىشلىشىمىز كېرەك بولىدۇ.
زەيتىنبۇرنۇ شەھەرلىك مەجلىس ئەزاسى نامزاتى شەرقىي تۈركىستانلىق قازاق ئائىلىنىڭ ئوغلى
سەركان دېنچتۈرك مۇنداق دېدى: مەن شەرقىي تۈركىستانلىق بىر قازاق كۆچمەن، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىدە ئۇزۇن يىللاردىن بىلەن ۋەزىپە ئۆتەپ كېلىۋاتىمەن، تۈرك دۇنياسى ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىمەن، بۇ يەردە 30 - مارت كۈنىدىكى سايلامدا زەيتىنبۇرنۇ شەھەرلىك مەجلىس ئەزالىقىغا نامزات بولدۇم. مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى قۇرۇلۇش پەلسەپىسى بويىچە ھەر زامان تۈرك دۇنياسىنىڭ يېنىدا بولۇپ كەلدى. قەيەردە بىر تۈرك قىيىن ئەھۋالدا قالسا، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىسى ئۇنىڭ يېنىدا بولۇپ كەلدى، ياردەم قىلىپ كەلدى، تۈرك دۇنياسى ئۇچرىغان ھەقسىزلىكلەرگە قارشى كۈرەش قىلىپ كەلدى، بىزنىڭ مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىدە سەپ تۇتۇشىمىز بۇ سەۋەبتىندۇر.
بۇ سايلامدا بىز ئۇتۇپ چىقساق، مەن تۈرك دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاۋازى بولۇشى ئۈچۈن قولۇمدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن. بۇ يەردىكى قازاق بولسۇن، ئۇيغۇر، ئۆزبېك، قىرغىز، تۈركمەن، نوغاي بولسۇن پۈتۈن قانداش قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قولۇمدىن كېلىشىچە غەيرەت قىلىمەن.
ئۆتكەن ھەپتە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسى ۋە زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇرات ئايدىن مەخسۇس ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تۈركمەن، ئۆزبېك قاتارلىق تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن يىغىن ئۇيۇشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئاڭلىغان.
تۈركىستانلىقلار بىردەك زەيتىنبۇرنۇدا تۈركىستان مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
بۇ قېتىمقى سايلامدا ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىگە ئاۋاز بېرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
بۇ سايلام توغرىسىدىكى راي سىناش نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، ھازىرقى ھۆكۈمەتنى باشقۇرۇۋاتقان باش مىنىستىر ئەردوغاننىڭ پارتىيىسى بولغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ئەڭ ئالدىدا ئىكەن.
ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىدىن پارلامېنت ئەزاسى شۇنداقلا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئادالەت كومىتېتىنىڭ رەئىس ۋەكىلى ھەققى كۆيلى پارلامېنتتا، مۇخالىپ پارتىيىلەرنىڭ تەنقىدلىرىگە جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى، سىرتتىكى تۈركلەرنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى قوغدىمايسىلەر دەيدۇ، يەنى شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركلەر توغرىسىدا بىزنى تەنقىد قىلىدۇ. تۈركىيە دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن نېمە قىلىش كېرەك بولسا ئۇ يەردە شۇنى قىلىۋاتىدۇ، ئەمما ئورنىدىن دەس تۇرۇپ خىتايدا كوممۇنىزمنى يوق قىلىدىغان كۈچىمىز يوق، خىتاي بىر كوممۇنىست دۆلەت. خىتاينىڭ سىياسەت يۈرگۈزۈشى ئوخشىمايدۇ، ئەمما شۇنداق بولسىمۇ، رەسمىي بىر شەكىلدە دىپلوماتىيە يوللار ئارقىلىق ھەممە ئىشنى قىلىۋاتىمىز، قەيەردە بىر تۈرك بولسا، قەيەردە بىر تۈرك ئەسىرى بولسا بۇ ھۆكۈمەت ئۇ يەرگە بېرىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ياردەم قىلىۋاتىدۇ.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇت ئوغلى بىر تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلمەسلىك، سۈكۈتتە قىلىشنىڭ ھەرگىز مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى، باش مىنىستىر ئەردوغان ۋە ھازىرقى ھۆكۈمەت شۇنداقلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇت ئوغلى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشىگە ھېچكىمنىڭ شۈبھە بىلەن قارىماسلىقىنى تەكىتلىدى.
0:00 / 0:00